رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت


2005.03.17
rabiye-qadir-chicago-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى پارچە رەسىم. رابىيە خانىم ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى O'Hare خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىدا. RFA Chongaytip körung

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. مۇخبىرىمىز ئەركىن، مەخسۇس رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، خانىمنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ۋەتەندە ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست –بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئانا ۋەتىنى ۋە خەلقىغە بولغان سالىمىنى يوللىدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئىگە بولغان بولۇپ، 15-چىسلا ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرى بىلەن قىسقىغىنا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بىراق، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتالمىغان.

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن كەچ سائەت سەككىز يېرىملار ئەتراپىدا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى رەگان ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار، ئايرودۇرۇمغا چىقىپ، رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالماقچى.

رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى بىرىنچى قول خەۋەرلەردىن داۋاملىق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشنى خالىسىڭىز، تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.