رافتو فوندى جەمئىيىتى ئالىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھوكۇم قىلىنىشىغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى


2006.11.30
rabiye-rafto-200.jpg
رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngårg ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم بىلەن. ئابدۇسەمەت/RFA

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ 27 - نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆچ ئالغان

شۇ قاتاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىمۇ ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھوكۇم قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 28 - نويابىر كۈنى مەخسۇس نارازلىق ئوچۇق خېتى ئېلان قىلغان ۋە بۇ خەتنى نورۋېگىيىدىكى ھەرقايسى كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېتقا ۋە شەخسلەرگە يوللىغان.

نارازلىق خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: "رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، 27 -نويابىر، دۇشەنبە، 2004 - يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئۇيغۇر مىللى ھەركەتنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق قاماققا ھوكۇم قىلىنغان ھەمدە 62، 500 ئامېرىكا دوللىرى ئىختىسادىي جەرىمانە قويۇلغان. ئالىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئاكىسى قاھار ئابدۇرېھىم ھەم باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 12، 500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغان".

نارازلىق خېتىدە يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ھەققىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: "مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغىچە ئەھۋالى ئېنىق بولماي كەلگەن تۈرمىدىكى يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 26-نويابىر ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن زەمبىلگە سېلىنىپ ئەپچىقىپ كېتىلگەن. پەرىزىمىزچە ئۇ ئاپىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 26 - نويابىر ميۇنخېندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا قۇرۇلتاي رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، جىسمانى زەربىگە يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ئۈرۈمچىدىكى دائىرلەر ئۇنىڭغا ئەگەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇشتىن ئۆزىنى تارتسا تۈرمىدىكى ئوغۇللىرى يەڭگىلرەك جازا ۋە سىلىقراق مۇئامىلىگە ئېرىشىدىغانلىغىدىن بىشارەت بەرگەن ئىكەن"

نارازلىق خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز مۇئامىلىسى ۋە ناھەق جازالاش قىلمىشلىرى ئەيىبلىنىپ:

بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى گۇناھسىز دەپ قارايمىز. ئۇلارغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەر تامامەن ئاساسسىز ۋە ئويدۇرما . بىز جوڭگو دائىرلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوز خەلقىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانى كۈرىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان ئوچ ئېلىش ھەركىتى دەپ ھېسابلايمىز ۋە قاتتىق ئەيىپلەيمىز شۇنىڭدەك، جوڭگو ھۆكۈمىتىدىن كىشلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى ھا ھۆرمەت قىلىشىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقىنى توختىتىشىنى، تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەلەپ قىلىمىز.

"بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى گۇناھسىز دەپ قارايمىز. ئۇلارغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەر تامامەن ئاساسسىز ۋە ئويدۇرما . بىز جوڭگو دائىرلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوز خەلقىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانى كۈرىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان ئوچ ئېلىش ھەركىتى دەپ ھېسابلايمىز ۋە قاتتىق ئەيىپلەيمىز شۇنىڭدەك، جوڭگو ھۆكۈمىتىدىن كىشلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى ھا ھۆرمەت قىلىشىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقىنى توختىتىشىنى، تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەلەپ قىلىمىز" دېيىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتى رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇش

بىز بۇ نارازلىق خېتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمى دوستى Arne Lyngård ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خېنىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئالاھىدە سالاھىيەتلىك ۋەكىلى. مېنىڭچە ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا يەنىمۇ تىزلىك بىلەن ئومميۈزلۈك تونىلىشى ئۈچۈن كەڭ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

Arne Lyngård ئەپەندى ئالىم ئابدۇرېھىمغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى ھەققىدە ئوز كۆز قارىشىنى تۆۋەندىكىچە ئىپادە قىلدى:

"بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىغا قارىتا قوللىنىلغان بىر قېتىملىق ئوچ ئېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كەلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. جوڭگو دائىرلىرى رابىيە قادىر خانىمنى خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىن توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قولغا ئالغان ئىدى، مەقسىدىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن ئەمدىلىكتە ئويدۇرما جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنى جازالاۋاتىدۇ".

Arne Lyngårg ئەپەندى يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرى ئۈستىدە سادىر بولىۋاتقان ھەربىر ئەھۋالغا جىددى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدىن نورۋېگىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە شەخسلەرنى ھەر ۋاقىت خەۋەردار قىلىپ نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەنىمۇ كۆڭۈل بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يەنىمۇ بېسىم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. (ئابدۇسەمت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.