نورۋېگىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئاساسى تېما قىلىنغان بالىلار رەسىملىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى


2006.09.26
rabiye-norway-200.jpg

نورۋېگىيە رافو فوندى جەمئىيىتى بۇ يىل 11-ئايدا نورۋېگىيىنىڭ بېرگىن شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ "بۇ دۇنيا ھەم گۈزەل ھەم نەپرەتلىك" ناملىق بالىلار رەسىملىرى توپلىمى نەشىرگە تەييارلىغان. بۇ توپلامغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - ۋە 6-سىنىپلىرىدىكى 11-12 ياشلىق ئۆسمۈر بالىلار سىزغان 53 پارچە رەسىم كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى رەسىملەر ئۈچۈن ئاساسى تېما قىلىنغان.

رافتو فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر دەموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى بۇ كىتابقا كىرىش سۆز يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كىرىش سوز نورۋېگىيىچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئۇچ خىل تىلدا بېسىلىدىكەن.

بىز بۇ كىتابنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەپسىلىرەك بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، رافتو فوندى جەمئىيىتىدىن بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان Thomas Bryde ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى:

"2004 –يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتى رابىيە قادىرغا بېرىلدى، بىز رابىيە قادىرنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپرەك كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەشتۇق، شۇ خىزمەتلەردىن بىرى سۈپىتىدە 2005-يىلى ئەتىيازدا بېرگىندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- 6 –سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى رابىيە قادىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقىش ھەمدە بۇ ئاساستا كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇقنىڭ بۇزۇلۇش ھاللىرى ئاساسى تېما قىلغان رەسىملەرنى ئىشلەپ چىقىشقا ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. دەسلەپ ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا رابىيە قادىرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى دەرس قىلىپ ئۆتۈلدى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ئەھۋالىغا بارغانسېرى ئىنتايىن قىزىقىپ كەتتى، بەزىدە بۇ ھەقتە قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرمۇ ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا بالىلار كىشلىك ھوقۇقنىڭ ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كۈندىلىك ئىنسان ھاياتىدىكى ئىپادىلىرىنى بالىلارغا خاس تەپەككۇرى بىلەن تونۇپ يەتتى ۋە شۇ ئاساستا بۇ رەسىملەرنى سىزىپ چىقتى".

Thomas ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بالىلارنىڭ بۇ ئەمگىكى 2005 – يىلى باھار پەسلى باشلىنىپ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئاخىرلاشقان. 2005 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 –كۈنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېرگىنگە قىلغان زىيارىتىگە ئۈلگۈرتۈپ، رەسىملەرنىڭ كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە رابىيە قادىر خانىم كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى ئوز قولى بىلەن كەسكەن. بۇ ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە تەسىرلىك بىر ئۇچرىشىش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان قەلبىدىكى قەھرىمان ئانا – رابىيە قادىر خانىمنى كۆرۈپ ناھايتى خوشال بولۇشقان ۋە ھاياجانغا چۆمگەن. بۇ ئۇچرىشىشتىن رابىيە قادىر خانىممۇ قاتتىق تەسىرلەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم كىتابقا يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتقان:

"نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھرىدە كىچىك دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆرگەندە، بىر تەرەپتىن سۆيۈندۈم، خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتماي قالدى، نورۋېگىيە خەلقى، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسىنىڭ كىشلىك ھوقۇق جەڭچىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئەركىن دۆلەتتىكى بەختىيار بالىلارنى كۆرۈپ ۋەتىنىمدىكى نامرات، ئوقۇشسىز قالغان بالىلار، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىپ سېتىلىۋاتقان بىچارە بالىلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، مەنى يىغا تۇتۇپ كەتتى. "

"بۇ دۇنيا ھەم گۈزەل ھەم نەپرەتلىك" دېگەن بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن رەسىملەرگە "ئەركىنلىك"، "ئادالەتسىزلىك"، "ئۇ ناھەق جازاغا تارتىلدى"، "قىيىن – قىستاققا ئېلىنغان ئادەم"، "سەۋەبسىز تۈرمىگە ئېلىنىش"، "قۇللار بازىرى"، "ئۇرۇش كېرەك ئەمەس!"، دېگەنگە ئوخشاش ماۋزۇلار قويۇلغان بولۇپ بۇ ماۋزۇلار ھەم نورۋېگىيىچە ۋە ئىنگلىزچە بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە تەييارلانغان.

بىز Thomas ئەپەندىدىن كىتابنىڭ كىرىش سوز ۋە رەسىم ماۋزۇلىرىنى نىمە مەقسەتتە ئۇيغۇرچىمۇ نەشىر قىلماقچى بولغانلىغىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"بۇنداق قىلىشتىن مەقسىتىمىز بىرسى بۇ كىتابنىڭ رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن نەقەدەر زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقىغا بولغان قىزىشىنى قوزغاش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، بۇنىڭدىن باشقا، نورۋېگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ كىتابتىن ياخشى بەھىرلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىنگلىزچە ۋە نورۋېگىيىچە بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرچىمۇ تەييارلىدۇق.

بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ۋە بۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا، بېرگىندە ئۆتكۈزىلىدىغان رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى ۋە بۇ يىللىق رافتو مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيىگە كېلىدىكەن ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىدا لېنتا كېسىدىكەن. (ئابدۇسەمەت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.