0:00 / 0:00
11 – ئۆكتەبىر كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكگولم ئايرودرومىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشۈپ، شۋېتسىيىگە زىيارەتكە بارغان كىشىلى ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىرنى قارشى ئېلىشتى. رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا قېرىنداشلىرىنى باغرىغا باستى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.