0:00 / 0:00
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم 12-ئۆتكەبىر كۈنى شۋېتسىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ ئەتىگەندە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. كەچتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.