0:00 / 0:00
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى قۇرۇلتاي ئېچىپ، دىلمۇرات ئەكبەروفنى ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ سايلاپ چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس تەبرىكنامە ئەۋەتتى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، دىلمۇرات ئەكبەروف ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆز مىللىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.