رابىيە خانىمنىڭ ياۋرۇپا سەپىرى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا


2005.10.10

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپاغا قىلغان سەپىرىگە كەڭ-كۆلەمدە يەر بېرىلدى.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ۋە شەخسىي تېلېۋىزىيىلەردىن باشقا نۇقتىلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ۋاقىت گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى. گېزىتتىكى ماقالىدا رابىيە قادىرنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتىدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۇيغۇر ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.