رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە مەتبۇئاتىدا
2006.03.20

تۈركىيىدىكى قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېمۇر خوجائوغلى يېقىندا ئامېرىكىغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىشى جەريانىدا، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدى.
تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان "ساباھ" گېزىتىنىڭ 19-مارتتىكى سانىنىڭ مەخسۇس بىر بېتىدە، پروفېسسور تېمۇر خوجائوغلىنىڭ رابىيە قادىر بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە ئاساسلىنىپ تەييارلانغان "مەن بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئېلان قىلىنغان.
رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە خەۋەر چىققان بولسىمۇ، بۇنداق ئەتراپلىق ماقالە تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ "مېنىڭ بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىش ئارزۇيۇم بار، بۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا بېرىلىشى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان، ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنغان مىليونلارچە ئىنسانغا ئىشەنچ بېغىشلايدۇ" دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە بولغان قارىشى ۋە ئۇ يەرگە بېرىش ئارزۇسى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
- ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى
- تىلشۇناس تېمۇر خوجائوغلى ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت