رابىيە قادىر خانىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلاندى


2006.01.11
rabiya-sidiq-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەن كۈنى يولدىشى سىدىق ھاجى بىلەن. رابىيە قادىر خانىم 2005-يىلى 17-مارت كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۆيى ئەتراپىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلاندى.

سىرلىق قاتناش ھادىسىسى

ۋەقە 1 - ئاينىڭ 5- كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت 7:00 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ كاتىپى بىلەن بىرگە ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ۋەقەدە رابىيە قادىر خانىم يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما سالامەت ھايات قالدى. ئۇنىڭ كاتىپى يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان. ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە بىر مىنىبۇسنىڭ رابىيە قادىر خانىملار كېلىۋاتقان يولغا قارشى تەرەپتىن ئۈسۈپ كىرىپ سوقۇۋېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن مىنىبۇسنىڭ شوپۇرى قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار ۋەقە تۇغدۇرغان شوپۇرنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ۋەقەنى "سىرلىق بىر قاتناش ھادىسىسى، دەپ ئاتىدى. سىدىق ھاجىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ھازىر داۋالانماقتا. سىدىق ھاجى "رابىيە قادىرنىڭ سالامەتلىكى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلمەكتە" دەيدۇ. ئەمما ئۇ رابىيە قادىرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتىدىكى سىمۋوللۇق شەخس

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بېرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا ئىدى. ئۇ،خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ۋاشىنگتوندا ئىشخانا تەسىس قىلغان. ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە زىيارەت سەپىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىدىكى سىمۋوللۇق شەخسكە ئايلاندى.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىدا ھازىرغىچە بۇ خىل تاسادىپىي ۋەقەلەرگە 4 - قېتىم ئۇچراپ سالامەت قۇتۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ساقچى تەرەپنىڭ دوكلات قىلىشىچە، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان مىنىبۇس ئوغرىلانغان ماشىنا بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى ساقچىلار مىنىبۇسنىڭ ئەسلى ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ شېرىكىنى تېپىپ سوراق قىلدى. ئەمما ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغىچە ماشىنىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ۋەقەدىن ھايات قېلىشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە

ساقچىلار ۋەقەگە بىر قاتناش ھادىسىسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما " ھەر خىل ئېھتىماللىقلار" نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چەتكە قاقماسلىقىمىز مۇمكىن، دەپ تەكىتلىگەن.

ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى توغرىسىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كاتىپى سۈرەييە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، ۋەقەنىڭ 5-يانۋار كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى، قارشى تەرەپنىڭ رابىيە قادىر خانىم ئولتۇرغان ماشىنىنى ئىككى قېتىم سوققانلىقى ھەققىدە ئېيتتى.

سۈرەييە خانىم "ۋەقەدىن ھايات قېلىشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش دەرىجىسى ئېغىر بولۇپ، ماشىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

سىدىق ھاجى روزى بۇ ۋەقە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، دېلونىڭ تەپسىلاتى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ توختىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن رابىيە قادىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۇشيار بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئەھۋالنى ئاق ساراي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان. ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىدى. ئىگىلىشىمىزچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ساقچى تەرەپنىڭ ئاخىرقى دوكلاتىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى رابىيە خانىمنى قارىلاپ كەلگەن

بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2006 - يىلى" مىللىي بۆلگۈنچىلەر " گە قارشى كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر چاغدا يۈز بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى، سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي ئۆكتىچىلەرنى " تېررورچى، مىللىي بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر" دەپ باستۇرماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدا 2006 - يىلى " مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدۇ " دەپ جاكارلىغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈئەن، رابىيە قادىرخانىمنى "تېررورچىلار" ۋە "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" بىلەن تىل بىرىكتۈردى دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ، رابىيە قادىرنى " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلىماقتا " دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 12 - ئايدا ئامېرىكىنى " رابىيە قادىرغا سىياسىي سەھنە ھازىرلاپ بەرمەكتە " دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.