رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى سانفرانسىسكو شەھىرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى يىغىن قاتناشچىلىرىغا ئاڭلاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.11.10
Rabiye-xanim-kaliforniyide-kechurum-teshkilati-yighinida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Eqide

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئىزچىل تۈردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرگە ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ  كەلمەكتە. يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئۇيۇشتۇرغان "كىشىلىك ھوقۇق" تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىندا رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى پاكىتلىق ئىسپاتلار ئارقىلىق ئاڭلىتىپ يىغىنغا قاتناشقانلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن.
 
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيىدىكى ۋەكىلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان ۋە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ يىغىن ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.
Rabiye-xanim-kaliforniyide-kechurum-teshkilati-yighinida2-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.

يىغىنغا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى قاتناشقاندىن سىرت، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەرگەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان  ئوقۇغۇچى مەمەت ۋەلىمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ  ئۆزىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىنى، ئۇنى كۆرۈپلا ئۆز ئانىسىنى كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى، رابىيە خانىم سۆزلىگەن نۇتۇقنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، مۇھىمى ۋەتەن، مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنىڭ كۈچلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن يەنە، سەمى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.