رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيە مۇساپىرلار لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇرۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.03.29
Rabiye-xanim-gollandiyediki-musapirlar-lagirida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﻻﮔﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻫﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

رابىيە قادىر خانىم 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتە ئادۋوكات مارتىن بېرگ ئەپەندى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە، مۇساپىرلار لاگىرىغا بېرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ گوللاندىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا سۇنغان.

رابىيە قادىر خانىم 200 ئەتراپىدا مۇساپىر ئۇيغۇرنى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان مەلۇماتلارنى بېرىش ئارقىلىق بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.