رابىيە قادىر خانىم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

2010 ‏- يىلى 9 ‏‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، روزا ھېيتنىڭ 3 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىناق ‏- ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.09.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Istanbulda-Roza-Heyt-paaliyiti-1-305 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺘﻨﯩﯔ 3 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﻓﺎﺗﯩﻬ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﺩﻩﻣﯩﺮ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Arslan

بۇ پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا يەنە، ئىستانبۇل فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمىر ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەسئۇل ۋەكىلى قاتارلىق ئەربابلار قاتناشتى.
Istanbulda-Roza-Heyt-paaliyiti-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺘﻨﯩﯔ 3 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئاتاۋۇللا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنى ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، ئىستانبۇل ‏- فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر، ۋە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ فاتىھ شۆبە باشلىقى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. مۇراسىم ئاخىرىدا زىياپەت بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت