رابىيە خانىم يېڭى زېلاندىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پات ئارىدا يېڭى زېلاندىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئوكلاند ۋە ۋېللىڭتون شەھەرلىرىدە ئاممىۋى پائالىيەتلەردە بولىدۇ. بۇ زىيارەت خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيىدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.07
Rabiye-Xanim-Filim-Festiwalida-sozde-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

رابىيە خانىم بولسا خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، يېڭى زېلاندىيىدە نىگىزلىك 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋەخپى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيىدىكى زىيارەت پىلانى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىپ، 3 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ئوكلاند ۋە پايتەخت ۋېللىڭتوندا ئاممىۋى يىغىلىشلارغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى يېڭى زېلاندىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ساھىپخانى يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى كېيىس لاكېدۇر. ئۇ ئالدىنقى كۈنى "يېڭى زېلاندىيە مۇنبىرى" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبى قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ" دېگەن.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيە سەپىرىنىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئۇ يېڭى زېلاندىيىدىكى مەزگىلىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسى پارتىيە ‏ - گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

رابىيە خانىم رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى زېلاندىيە زىيارىتىدە يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنى نىگىزىلىك 5‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغان ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيە سەپىرى، ئۇنىڭ بۇ يىل 8 - ئايدىكى ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيىدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى مەۋجۈت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 8 - ئايدا رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپلا قالماي، مېلبورېن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى"نى قويۇشىغا قارشى چىققان. بەزى خىتاي شىركەتلەر مېلبورېن كىنو فېستىۋالىنى بايقۇت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىنو فىلىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان ئىدى.

چەتئەلدىكى خىتاي تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيىدىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتى‏ "يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو بىرلەشمىسى"نىڭ خې پامىلىلىك باش كاتىپى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تەكلىپ قىلغانلىقىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، لېكىن بۇ زىيارەت ئۇنىڭ 8‏ - ئايدىكى ئاۋستىرالىيە زىيارىتىگە ئوخشاش شاۋقۇن يارىتىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزاسى كېيىس لاكې بولسا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ سۆز قىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشى تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاينىڭ ياكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە دۆلىتىمىزدە كىمنى سۆزلىتىش ياكى سۆزلەتمەسلىكنى ئېيتىپ بېرىشى توغرا ئەمەس" دېگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ، "ماۋرى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رابىيە قادىر توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇشنى توسىماقچى بولۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن ساۋاق ئېلىش"نى، يېڭى زېلاندىيىلىكلەرنىڭ "كىمنى تەكلىپ قىلىشى يېڭى زىلاندىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىگە ھورمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

رابىيە خانىم بۇ تۈرلۈك قارشىلىقلارغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىمنىڭ يېڭى زېلاندىيىنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقى يېڭى زېلاندىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىش ‏ - بەرمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. رابىيە خانىم يېڭى زېلاندىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزا ئىلتىماسىدا بولغانلىقىنى، ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

"يېڭى زېلاندىيە مۇنبىرى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جون كېي ئالدىنقى كۈنى رابىيە خانىمنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا پات يېقىندا جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى، ۋىزا بېرىش - بەرمەسلىك قارارىنى كۆچمەنلەر مىنىستىرى جوناتان كولمەننىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېشىللار پارلامېنت ئەزاسى كېيىس لوكې بولسا "رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرمەسلىككە ھىچقانداق بىر سەۋەب يوق،" دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.