خەلقئارا تەشكىلاتلار رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالدى


2005.03.17
rabiye-bill-gates-200.gif

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇلار، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشلانغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر سىياسىي تاكتىسىكى بولۇشى مۇمكىنلىقىنى تەكىتلىمەكتە .

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى توختاتمايدۇ

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: " ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا يولغا قويغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن. رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ قاماش قىلمىشىلىرىنى توختاتمايدۇ".

خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىدى……. رابىيە قادىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كاندىداتلىقىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، رابىيە قادىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بىرىلگەن كۈنى ، ئامېرىكا، شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا خىتاينى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھسى سۇنمايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقى، خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشتە يەنە بىر سىياسىي ئويۇن ئوينىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن .

يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تۈرمىلەردە يېتىۋاتىدۇ

باياناتتا يەنە ، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن پەقەت بىر ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى، خىتاي تۈرمىلىرىدە يەنە توختى مۇزارت ، ئابدۇغىنى مەمتىمىن قاتارلىق "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلغان" ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلەنگەن نۇرغۇنلىغان سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ سەۋەپسىز يىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن .

رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىگەن كىشىلەرنى تۇتۇپ قاماش قىلمىشىلىرىنى توختاتمايدۇ

لېكىن 2004 - يىلىدىكى يىللىق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىرغا بەرگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان نورۋىگىيدىكى رافتو تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئارنى، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى . چۈنكى، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى بولۇپمۇ، ئامېرىكا پرىزدېنتى جورج بۇش ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس جىددى بىر پائالىيەت ئىچىدە ئىدى . قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رابىيە قادىر مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ بىر سىياسىي مەسىلىسىگە ئايلانغان . رابىيە قادىر مەسىلىسى خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ۋە ھالقىلىق بىر مەسىلە بولۇپ قالغان . شۇڭا خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشتىن باشقا چارىسى قالمىغان ئىدى"، دېدى.

نوبېل مۇكاپاتى كاندىداتلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق موكاپاتىنىڭ رابىيە قادىرغا بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئارنى "رابىيە قادىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كاندىداتلىقىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ . رابىيە قادىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى ، ئۇلارنىڭ باياناتچىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھېلىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە تارتىشتا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. ئۇ ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئېچىلمىغان ھۆكۈمەت ئىشىكلىرىنى ئىچىشى مۇمكىن"، دېدى .

بۈگۈن نورۋىگىيىدە رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئالاھىدە قۇتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رافتو تەشكىلاتىنىڭ رە ئىسى ئارنى، "بىز رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن ناھايتى خۇرسەن، لېكىن خىتايدا ھېلىمۇ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان مىڭلىغان سىياسىي تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز"، دېدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.