ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
2007.11.12

تانابە، ياپونىيىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ۋاكاياما ئۆلكىسىگە تەۋە كىچىك بىر بازارنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ بازارغا قوشنا جايدىكى نەنكىشىرىھاما دېڭىز ساھىلى ياپونىيىنىڭ يىرىك ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتىدە يەكشەنبە كۈنى دېڭىز ساھىلىدىكى بۇ تىمتاس بازارنىڭ پۇقرالىرىغا نۇتۇق سوزلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ جىددىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە تانابە خەلقىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتى ھەم ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
" ئۇيغۇر خەلقى سىلەرگە ھەممە نەرسىسىنى بەردى، سىلەر زادى قانداق مۇقىملىققا مۇھتاج"
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىس ئالدىدا پۈتۈن ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە خانىم، 1997 - يىلى 2 - ئايدا يۇز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسى سەۋىر - تاقەتنىڭ توشۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " مەن بېيجىڭدا ئۇلارغا ئۇيغۇر خەلقى سىلەرگە ھەممە نەرسىسىنى بەردى، لېكىن سىلەر زادى قانداق مۇقىملىققا مۇھتاج، دەپ سورىدىم " دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا چېقىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، تەبىئىي بايلىقىنى ئۆزى ئىشلىتىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاز كەم 60 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ " ئىقتىسادى، دىنىي - ئېتىقادى، روھى ھالىتى،مائارىپى،مەدەنىيىتىنى بىتچىت قىلىپ، ئۆز تارىخى ۋە ئۆز ئانا تىلىنى ئۈگۈنىش، تۇغۇت ۋە كۆپىيىش ئەركىنلىكىنى چەكلىدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەپ، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى بولسا مۇنبەت يەرلەرگە ئىگە قىلدى " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ نۇتۇقىدا، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي بۇ ۋەقەنى ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، سەنئەتچى، دىنىي زات، زىيالىيلار ۋە ئاددى پۇقرالارنى " تېررورچى"دەپ يوقىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى قىلىۋالدى" دەيدۇ.
ئۇلار"ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشنىڭ بەدىلىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەر"
رابىيە خانىم، تانابە پۇقرالىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "تېررورچى ئەمەس " دەپ ئاقلانغانلىقىنى ھەمدە 17 كىشى 3 - بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلار"ئۇيغۇر بولۇپ قېلىشنىڭ بەدىلىنى ئۆتەۋاتقان كىشىلەر" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ، بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە سەپىرىدە، ئەگەر ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشسە، ئۇلارنى ياپونىيىگە قوبۇل قىلىش ئىلتىماسىدا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تانابەدىكى ياپون پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرىنچى قېتىم دوكلات ئاڭلىشى بولۇپ، تىڭشىغۇچىلارنىڭ كوپ قىسىمى ئۇيغۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلاۋاتقان كىشىلەردۇر.
رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتى ئۇلارنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى دېيىشكە بولاتتى. "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى نېمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟ " دېگەن مەسىلە ئۇلار جاۋابىنى ئېلىشقا قىزىقىدىغان سۇئاللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. (تىڭشىغۇچى) يىغىندا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر تىڭشىغۇچى، "سىز ئۆز خەلقىڭىز ئۇچۇن ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇربان قىلىپسىز. سىزگە ھۆرمىتىمنى ئىپادىلىمەكچى. مەن بۇرۇن تىبەتلەر توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىغان، لېكىن بۈگۈن سىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم" دېدى. رابىيە قادىرنىڭ تانابە'دىكى پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تانابە'دىكى شۆبە ئىشخانىسى مەسئۇل بولدى. تانابە'دىكى ئىشخانىنىڭ مەسئۇلى ماتسۇشىتا سەئىجى ئەپەندىم بۈگۈنكى دوكلات توغرىسىدا مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ: (ماتسۇشىتا) " ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس. بۈگۈنكى دوكلاتنى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم، دەپ قارايمەن."
نۆۋەتتە ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە تانابەدىكى شۆبە ئىشخانىسى، خىتاي ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ،ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ماتسۇشىتا ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا بۇ پائالىيەت توغرىسىدا توختالدى. (ماتسۇشىتا) رابىيە خانىمنىڭ تانابەدىكى نۇتۇقى ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلارغا سۆزلىگەن بىرىنچى نۇتۇقى ئەمەس. ئۇ، بۇنىڭدىن بىر كۇن بۇرۇن توكيودىكى بىر زالدا ھەر ساھەدىكى 300 دەك ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىغا دوكلات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مائارىپ سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
" قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى"
شۇ كۈنكى نۇتۇقىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ " قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى" دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، "ئىچكىرىدىكى 'شىنجاڭ' سىنىپلىرىنىڭ رولى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىشسىز قويدى. خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن نارىسىدە بالىلارنى ئاتا - ئانا تەربىيىسىگە ئېھتىياج بولىدىغان مەزگىلىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ قوينىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ئىچكىرىگە ئاپىرىدۇ ؟"دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ھەمدە دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەشنىڭ ئۆزى ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى ئۇچۇن خىزمەت قىلماقتىكەن.
ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان موڭغۇل قىزى ھاسى رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان تىڭشىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى. ( ھاسى) " مەن بۈگۈن رابىيەنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم ھەمدە ناھايىتى ئازاپلاندىم. چۈنكى ئۇنىڭ دېگەنلىرى شىنجاڭدىلا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بولۇپ قالماي، بۇ يەنە ئىچكى موڭغۇلدىمۇ يۇز بەرگەن ۋە بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ۋەقەلەردۇر. شۇڭا مەن ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالىدىم. بىز بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقىلارغا ئوخشاش ئىمتىياز ۋە ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇش ھەققىمىز بار دەپ قارايمەن."
ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ، بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، رابىيە خانىمنىڭ پائالىيىتىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. رابىيە خانىم، توكيودا دوكلات بەرگەندە يىغىن زالىنى ياپونىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ 5 نەپەر خادىمى قوغدىدى ھەمدە رابىيە خانىم چۈشكەن مېھمانخانا ياتىقىنىڭ تېلېفونى بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئۈزۈۋېتىلدى. ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ پائالىيىتىگە مەسئۇل خانىمى مۇخبىرىمىزغا " ياپونىيىدە خىتاي ھەر نەرسىگە قادىر، شۇڭا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك" دېدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (5)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (4)
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (3)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (2)
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- ئاساسىي مەقسەت يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتۇر
- ياپونىيە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن 160 قا يېقىن كىشى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلدى