رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى


2007.11.16

Rabiye-YaponNutuq-1-200.jpg
2007 - يىلى 10 - نويابىر كۈنىدىكى نۇتۇق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش. RFA Photo / Erkin

كوبې، ياپونىيىنىڭ مۇھىم سودا مەركىزى بولۇپلا قالماي، ياپونىيە ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم پولات - تومۇر سانائەت مەركىزى، بۇ شەھەر ياپونىيىنىڭ كونا پايتەختى كيۇتوغا تەخمىنەن 80 كىلومېتىر كېلىدۇ. كوبې، مىلادى 3 ‏- ياكى 4 - ئەسىرلەردە بىنا قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كوبېنىڭ ھەقىقىي سودا ۋە سانائەت مەركىزىگە ئايلىنىش مەزگىلى، مېيجى ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى دەۋىرگە ئائىت ۋەقەدۇر. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ كوبېدىكى زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى كىشى - كوبې گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى كاجىتانى كاي ئەپەندى بىزگە، "كوبېدا 1997 - يىلى يۇز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە 6 مىڭدەك ئادەم ئۆلدى، لېكىن شەھەر قۇرۇلۇشى مۇشۇ 10 يىل جەريانىدا ئاساسەن ئەسلىگە كېلىپ بولدى"دېدى.

رابىيە خانىم، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر داۋاسىنى تاللىۋالدى؟

كوبې رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 4 - بېكىتى. بۇ شەھەردە ئۇ پەيشەنبە كۈنى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ھەمدە بۇ ئۇنىڭ ياپونىيە سەپىرىدە 3 ‏- قېتىم نۇتۇق سۆزلىشى ئىدى.

گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتى ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇئاۋىن پروفېسسور كاي ئامېرىكا بېركېلىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان خىتاي ئىقتىسادى مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى. ئۇ، گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ زىيارىتى ياپونىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى بۇ پائالىيەتنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، رابىيە قادىر تىڭشىغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەشھۇر كارخانىچى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىك ئورنىغا يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى تاللىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

Rabiye-Yapon-Bixeter-2-200.jpg
ساھىپخان رابىيە خانىمنىڭ بىخەتەرلىگىنى قاتتىق قوغدىغان. RFA Photo / Erkin

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى

گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت ناھايىتى ئەستايىدىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى، دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى مەكتەپ ئامانلىق دائىرىلىرى رابىيە قادىر خانىمنى مېھمانخانىدىن يىغىن زالىغا 4 ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككى ماشىنىدا ئېلىپ باردى.

بىز مەكتەپ قوراسىغا كىرگىنىمىزدە دەرۋازىدىن يىغىن زالى جايلاشقان بىنانىڭ كارىدورلىرىدىكى دوقمۇشلارغا قەدەر ساقچى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆردۇق. لېكىن ساقچىلار بۇ قەدەر جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش سەۋەبىنى "ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، نورمال خىزمەت تەرتىپى " دەپ چۈشەندۈردى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بولسا، بۇ نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئەۋەتكەن نامسىز تەھدىت خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم سۇئاللارغا جاۋاب بەردى

Rabiye-Yapon-Nutuq-2-200.jpg
2007 - يىلى 10 - نويابىر كۈنىدىكى نۇتۇققا كەلگەن ياپونلۇقلار رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىغا ئىشتىراك قىلماقتا. RFA Photo / Erkin

رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتۇقى ئالاھەزەل بىر يېرىم سائەت داۋام قىلدى ۋە يىغىن ئاخىرىدا ئۇ تىڭشىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىر تىڭشىغۇچى، نېفىت خىزمىتى بىلەن قەشقەردە بىر يېزىغا بارسا بۇ يەردە پۈتۈنلەي ئاياللار ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەرلەرنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يەردىكى قەبرىلەرگە ئاق ياغلىقلارنى باغلايدىكەن، بۇ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ " دەپ سورىدى. رابىيە قادىر بولسا بۇنىڭغا ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھىنى تىلەش مەنىسىدە، دەپ جاۋاب بەردى.

يەنە بىر تىڭشىغۇچى ئۆزىنىڭ بۇرۇن 1997 - يىلى يۇز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ساقچىلارنىڭ قورالىنى بۇلىغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار ئوق چىقارغان، دەپ ئاڭلىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا زادى نامايىشچىلارنىڭ قورال بۇلىغان ياكى بۇلىمىغانلىقىنى سورىدى. بۇ سۇئالغا ئۇ ۋەقە يۇز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن غۇلجىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياشلارنىڭ قورال بۇلىغانلىقىنى رەت قىلدى.

فۇكۇيىدىكى ئۇيغۇر مەستانىسى

رابىيە قادىر خانىم نۇتۇقىدا غۇلجا ۋەقەسىنى ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئادا - جۇدا بولۇشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى.

توشىكى كېشى ئەپەندى ياپونىيىنىڭ فۇكۇيى شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغدىغۇچى ئاكتىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن كوبېغا كەلگەن. ئۇ، بىزگە " ئۇيغۇرلارنى بىرىنچى قېتىم 27 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ياپونىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يىپەك يولى ھەققىدىكى پروگراممىسىدا كۆرگەن ئىدىم " دېدى.

توشىكى كېشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرىدىغان " ھەقىقىي يىپەك يولى"دېگەن ماۋزۇدا بىر تور بېتى ئاچقان بولۇپ، ئۇ نېمە ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان تور بېتى ئاچقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

نوجىرۇ: رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىگە تەكلىپ قىلىنىشى زور ۋەقە

Rabiye-Yapon-Hormet-2-150.jpg
ساھىپخان رابىيە خانىمنى ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋالدى. RFA Photo / Erkin

رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيە سەپىرىنى ياپونىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇ 3 ھەپتىلىك زىيارىتىدە ياپونىيىدىكى 9 شەھەر ۋە بازاردا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى كوبې شۆبىسىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى كەنجى نوجىرو ئەپەندى، ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەشكىلاتلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيىنىڭ ئېھتىياتچانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا مەزكۇر ئورگاننىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى " بىر ئىنقىلابتۇر."

كەنجى نوجىرو ئەپەندى، يىغىننىڭ سوئال - جاۋاب قىسىمىدا سۆز قىلىپ، ياپونىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلىشى بىلەن كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلدى.

كوبېدىكى ئۇيغۇر ئائىلىسى

يۈسۈپ مۇھەممەت بەگ، ئاكىسى سۇلتانلار بىلەن بىرگە كوبېدا ياشايدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى 1930 - يىللاردا شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، پاكىستانغا چىققان، كەشمىر بىلەن قەشقەر ئارىسىدا يىپەكچىلىك قىلىدىغان سودىگەرلەردىن ئىكەن.

مۇھەممەت يۈسۈپ بەگ پاكىستاندا تۇغۇلغان، ئانىسى لاداق يولىدىكى بالىتانىلاردىن بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلاپ قالالىغان ياشلاردىن ئىدى. ئۇنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىنى ئاڭلاشقا كەلگەن شۇ يەرلىك بىردىن ‏- بىر ئۇيغۇر دېيىشكە بولاتتى. پاكىستان بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۈسۈپ، بىز كوبېغا كەلگەن شۇ كۈنى ئۆيىدە كۈتۈۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىرنىڭ كوبېدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقان جۈمە كۈنى مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، توكيوغا قاراپ يولغا چىقتىم. رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى بولسا ئۇساكانىڭ كۇرۇشىكى بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. (ئەركىن - توكيو، ياپونىيە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.