رابىيە قادىر، قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى " Wall Street Journal " دا تەنقىد قىلدى
2007.11.22

پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوساكا ۋە نارا شەھەرلىرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىدا دوكلات بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. ئۇ، يولغا چىقىش ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ" Wall Street Journal" گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدىلا ئەمەس، 1955 - يىلى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسىدىمۇ تۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
" خىتاينىڭ قەشقەردە 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى"
رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا "Wall Street Journal" گېزىتىدە "ئۇيغۇرنىڭ پەريادى"ماۋزۇدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنى، ئۇ ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوساكا ۋە نارا شەھەرلىرىدە ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىمالدىكى خوككايدوغا قاراپ ئۇچۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ياپونىيە سەپىرىدە ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئەڭ يىرىك خىتابلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكى بولۇپ، ئۇ چارشەنبە كۈنى ئوساكادىكى ئاياللار پائالىيەت مەركىزىدە بەرگەن دوكلاتىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
رابىيە قادىر، " Wall Street Journal " گېزىتىدىكى ماقالىسىدە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسىگە ئىزاھات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز، دېگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى ۋە قەشقەردە 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ھەر يىلى ھېيت - بايرام ۋە خەلقئارا كۈنلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەبرىكلەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى راۋا كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" ئىش باشلاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكى جايى خىتايلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاندۇر "
Wall Street Journal گېزىتىدىكى ماقالىسىدە ھازىرنىڭ ئۆزى "ئولىمپىك يىغىنىغا ئاز قېلىۋاتقان مەزگىلدە خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرىگە سازاۋەر بولالماي كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ چېتىدىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر تاشلاشنىڭ ياخشى پەيتى" دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر "ئىش باشلاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكى جايى خىتايلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدىغان شەرقىي تۈركىستاندۇر" دەيدۇ.
رابىيە قادىر يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى بۇ يىل 1 - ئايدا پامىر ئىگىزلىكىنىڭ كوسراپ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش "تېررورچىلار لاگىرى"غا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قولغا چۈشكەنلەرنىڭ بىر قىسىمى، دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار لاگىرىغا دائىر ماتېرىياللار، سىنئالغۇ، تەرەپسىز گۇۋاھچىلارنىڭ باياناتى ياكى ماددىي پاكىتلارنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى سوت ھۆكۈمنامىسىنى ئېلان قىلىشنىڭ سىرتىدا سوت جەريانى، سوت خاتىرىسى، ماددىي پاكىت ۋە مەھكۇملارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. "خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئولىمپىك يىغىنىغا قارىماي شىددەتلىك باستۇرىدۇ ؟ " بۇ، ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلار رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيە سەپىرىدە جاۋابىنى ئالماقچى بولغان سۇئاللارنىڭ بىرى ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوساكادىكى يىغىنىدا بىر تىڭشىغۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىلىك ھەمراسى نائوكا مىزۇتانى جاۋاب بەرگەن.
" ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە كىچىككىنە بولسىمۇ سۆز قىلىش ھوقۇقى قالمىدى"
رابىيە قادىر ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"بېيجىڭ رەھبەرلىرى 1955 - يىلى مىللىي ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئاپتونومىيە ۋەدە قىلغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە كىچىككىنە بولسىمۇ سۆز قىلىش ھوقۇقى قالمىدى " دەپ يازدى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى ئوساكادىكى ئاياللار پائالىيەت مەركىزىدىكى دوكلات بەرگەندە بۇ مەسىلىنى يەنى ئاز كەم 60 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرگەن. يىغىندا ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىدى.
رابىيە قادىر بىر تىڭشىغۇچىنىڭ "ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ %71 نى ئىگىلەيدىغان خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ ؟ " دېگەن سۇئالىغا " ئەپسۇسكى " دەپ جاۋاب بەرگەن. رابىيە قادىر، "Wall Street Journal" گېزىتىدىكى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار يولسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ ۋە كۆپ ھاللاردا قانۇنىي ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىشى رەت قىلىنىپ، قانۇنسىز سوتلانماقتا. ئۇلارنىڭ پاكىت تەلەپ قىلىش ھەمدە يۇقىرىغا ئەرىز قىلىش ھوقۇقى رەت قىلىنماقتا " دەيدۇ. ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىجابىي سىياسىي يېڭىلىقلار تىنچ يوللار بىلەن ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر،" خىتاي دائىرلىرىنىڭ مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆي -ماكانىدىن قوغلىغان، دىنىي پائالىيەتلەرنى تەقىپ قىلغان ۋە ھۆكۈمەتكە ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرغانلىقى ئاشكارا " دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا بۇ ئەھۋالدا "بىز خىتاينىڭ ۋەدىسىگە قانداق ئىشىنەلەيمىز؟ " دەپ يازدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر ياپونىيىنىڭ ماسەي ۋە ياماگۇچى قاتارلىق جايلىرىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- خىتاي سوتىنىڭ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسى ئۈستىدە --- رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن سۆھبەت
- رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (4)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (3)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (2)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (1)
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- بىر ئۇيغۇرنىڭ رابىيە خانىم ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى