رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى


2007.12.04

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان 3 ھەپتىلىك زىيارىتى ئاخىرلاشتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا 9 شەھەردە دوكلات بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭمۇ دىققەت ‏- ئىتىبارىنى قوزغىدى.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاسىيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيىدە دوكلات بەرگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ياپون مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا ھەققىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق تەتقىقاتلىرى بارلىقىنى، ھەتتا تۈركىيىگىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇنجى بولۇپ ئەتراپلىق تونۇشتۇرغان كىشىلەرنىڭ ياپونلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئۈستىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ، ئەگەر ياپونىيە، تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستان بۇ 3 رايون ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقلىق قۇرىدىغان بولسا خىتاينىڭ يۈكسىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.