رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى


2007.11.07

Rabiye-1stday-150.jpg
2007 - يىلى 7 - نويابىر كۈنى، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە توكيو ئايرۇدۇرۇمىدا. RFA Photo /Japan

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيىدىكى شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، 7 ‏- نويابىر كۈنى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا 8 شەھەردە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلەش بىلەن بىرگە، ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشماقچى.

ياپونىيىنىڭ 8 چوڭ شەھىرىدە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ 7 ‏- نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.

رابىيە قادىر خانىم، نويابىرنىڭ 10 دىن 24 ‏- كۈنىگىچە توكيو قاتارلىق ياپونىيىنىڭ 8 چوڭ شەھىرىدە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلىگەندىن باشقا 28 ‏- نويابىر كۈنى ياپونىيە كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم توكيودا ئىستانسىمىزنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ" : مېنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى،ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى، بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش " دەپ بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىدىن چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم كۆرسىتىشىنى، تۈرمىدىكى ئىككى ئوغلىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزگەن غەمخورلۇقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

دالاي لاما، گومىنداڭ رەئىسى ما يىڭجۇ، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى شې چاڭيەنلەرمۇ ياپونىيىدە زىيارەتتە

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما، تەيۋەندىكى گومىنداڭ رەئىسى ما يىڭجۇ، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى شې چاڭيەنلەرمۇ بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم " : مەن، دالاي لامانىڭ شۇنىڭدەك گومىنداڭ ۋە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشىدىن ئىنتايىن خوشالمەن، ھەممىمىزنىڭ مەقسىدى ئوخشاش، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن. شۇڭا مەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن مىننەتدار، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە سۆزلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن " دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئورۇنلاشقان مېھمانخانىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيىدىكى شۆبىسىنىڭ مۇدىرى " : مەن، رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىگە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خوشالمەن، بۇ قېتىم رابىيە خانىمنى ياپونىيىگە نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشىمىزدىكى مەقسەت، كىشىلەرنى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆزىگە ‏- ئۆزى خوجا بولۇش ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت " دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.