رابىيە قادىر ياپونىيىنىڭ ماسەي ۋە ياماگۇچى قاتارلىق جايلىرىدا نۇتۇق سۆزلىدى
2007.11.19
ياپونىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئاخىرقى كۈنلەردە ياپونىيىنىڭ ماسەي، ياماگۇچى قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلارنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. بۇ جەرياندا رابىيە قادىر تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
" قىزلىرىڭلارنى يۆتكەپ كېتىۋاتسا، نېمە ئۈچۈن نامايىش قىلىپ ئۆز نارازىلىقىڭلارنى بىلدۈرمەيسىلەر ؟ "
ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 3 ھەپتىلىك ياپونىيە سەپىرىنىڭ 17 - ۋە 18- نويابىرلاردىكى زىيارەت كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ياپونىيىنىڭ ماسەي ۋە ياماگۇچى دېگەن جايلىرىدا شۇ يەرلىك تىڭشىغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تىببىي ياردەمدە بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردا زەھەرلىك چېكىملىك، پاھىشىخانا ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇشنى مەزمۇن قىلغان "شىنجاڭ سىنپىلىرىنى" ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە يۆتكەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان يۇقۇرىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى 16 - ۋە 17 - نويابىر كۈنلىرى ماسەي، دېگەن جايدا بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان "ئەخلاقىي كرىزىس" نىڭ مەھسۇلى ۋە بۇ كرىزىستا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ تۆھپىسى بار، دەپ تەكىتلىگەن.
رابىيە قادىر دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ماسەيدىكى دوكلاتى ھەققىدە توختالدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەشكە يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سىياسىتى ماسەيدىكى ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەر ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان، دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيىلىك تىڭشىغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزى سۇئاللارنى سورىدى. رابىيە قادىر بىر تىڭشىغۇچىنىڭ " قىزلىرىڭلارنى يۆتكەپ كېتىۋاتسا، نېمە ئۈچۈن نامايىش قىلىپ ئۆز نارازىلىقىڭلارنى بىلدۈرمەيسىلەر ؟ " دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇيغۇرلار بالىلىرىنىڭ رەھىمسىز ۋە ياتلىشىپ كېتىشىدىن قورقمامدۇ ؟
رابىيە قادىر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئىچىدە سورۇندىكى تىڭشىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە، مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پروگراممىغا ئاساسەن ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان "شىنجاڭ سىنىپىدىكى" ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى تېز كېڭەيتمەكتە ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا -ئانا مېھرىگە تويۇنمىغانلىقىنى، ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ بولالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيىتىگە يات كىشىلەر قىلىپ يىتىشتۈرۈشتۇر، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ماسەيدىكى يىغىندا بىر تىڭشىغۇچى، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن "شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ" ئۆز يۇرتىدا ئېچىلىشىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز قوينىدا ئوقۇتۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ ؟ بالىلار ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى، مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەربىيىسىگە ئېھتىياج تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئىچكىرىدە ئوقۇشى كېرەك ؟ ئۇيغۇرلار بالىلىرىنىڭ رەھىمسىز ۋە ياتلىشىپ كېتىشىدىن قورقمامدۇ ؟ دەپ سورىدى. رابىيە قادىر بۇ سوئالغا "مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم " دەپ جاۋاب بەرگەن.
يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار تىببىي ياردەمگە مۇيەسسەر بولالمىدى
رابىيە قادىر، 18 - نويابىر كۈنى ياپونىيىنىڭ ياماگۇچى، دېگەن يېرىدە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان زىيالىي، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا 2 سائەت سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر تىببىي ياردەمگە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى بىر تىڭشىغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نېفىت بايلىقى چىققان جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى رازى قىلامدۇ ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى تېما قىلغان ياپونىيىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قارشى جىم ئولتۇرمىدى. خىتاي تەرەپ ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تىلىدا سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى رەت قىلغان. NHK تېلېۋىزىيە قانىلى يەكشەنبە كۈنلۇك پروگراممىسىدا قەشقەردىكى بىر كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ۋە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەۋەتلىك يېڭى ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن رابىيە قادىر بىر تىڭشىغۇچىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە NHK نىڭ پروگراممىسىدىكى بايانلارنى رەت قىلدى.
خىتايدا دائىرىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان تەرەپسىز ئەدلىيە ئورگىنى مەۋجۈت ئەمەس
يەنە بىر تىڭشىغۇچى، قەشقەردە 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەگە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىنكاس قايتۇرغان ياكى قايتۇرمىغانلىقىنى سورىدى. رابىيە قادىر بۇ سوئالغا " ئولىمپىك كومىتېتى ھازىرغا قەدەر پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. لېكىن بىز مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ئورگانلارغا ئاڭلىتىۋاتىمىز " دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رابىيە قادىر، خىتاي ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بىر قاتار ھوقۇقلارنى بەرگەن، دائىرىلەر بۇ قانۇنغا زىت ئىشلارنى قىلسا سىلەر مەركەزگە ئەرىز قىلساڭلار بولاتتىغۇ ؟ دەپ سورىغان بىر تىڭشىغۇچىغا "خىتايدا دائىرىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان تەرەپسىز ئەدلىيە ئورگىنى مەۋجۈت ئەمەس " دەپ بەردى. رابىيە قادىر 20 - نويابىر كۈنى ياپونىيە سەپىرىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ئوساكادا دوكلات بېرىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (4)
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (3)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (2)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى (1)
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- بىر ئۇيغۇرنىڭ رابىيە خانىم ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە