شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ياۋرو-ئاسىيا رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىسى قۇرۇلۇپ رەسمى تارقىتىشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

ART رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىدىكى تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىش قىلىدىكەن.

بۇ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رەسمى تارقىتىشقا باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 11- ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاخشام ئەنقەرە دۆلەت مېھمانخانىسىدا زىياپەت بېرىلدى. بۇ تېلېۋىزىيىدە تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگىمۇ يەر بېرىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ رادىئونىڭ مەسئۇلى بۇلېنت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.