ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (1)
2007.08.07
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ ئاممىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى پروگراممىلىرىنى ئاڭلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىنى توسۇۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. لېكىن، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە دەھشەتلىك قېيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدىكى قاتتىق قېيىن - قىستاقلاردا قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى يوقاتقان بىر ئاڭلىغۇچىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئۆمەر قانات: ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، ئىگىلىشىمىزچە ، سىز بىر قىسىم دوستلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە دەھشەتلىك قېيىن - قىستاقلارغا ئۇچراپسىز، ھەتتا بۇ قېيىن - قىستاقلار جەريانىدا قولىڭىزنىڭ ئىككى بارمىقىدىن ئايرىلىپسىز. بۇ ئىچىنىشلىق ۋەقە ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرەمسىز؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ
- ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا
- قىرغىزىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە
- قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
- ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى
- دوكتور نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرلار ئىسپاتلىماقتا
- نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- تامسىز تۈرمە (2)
- تامسىز تۈرمە (1)