ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (2)
2007.08.08
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ ئاممىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى پروگراممىلىرىنى ئاڭلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىنى توسۇۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. لېكىن، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە دەھشەتلىك قېيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدىكى قاتتىق قېيىن - قىستاقلاردا قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى يوقاتقان بىر ئاڭلىغۇچىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئۆمەر قانات: دوستلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سىزنى تۇتۇپ، قاتتىق قېيىن- قىستاقلارغا ئېلىپ، سول قولىڭىزدىن ئېسىپ قويغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا قولىڭىز كويزىدىن سېرىلىپ، يەرگە چۈشكەنلىكىڭىزنى ۋە بۇ سەۋەبتىن قولىڭىزنىڭ قاتتىق جاراھەتلەنگەنلىكىنى ، لېكىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماي، قاراڭغۇ زىندانغا سولىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتىڭىز. ئۇندىن كېيىن نېمە بولدى؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (1)
- گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ
- ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا
- قىرغىزىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
- قازاقىستان تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كۆپەيمەكتە
- ۋەتەندىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى
- دوكتور نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرلار ئىسپاتلىماقتا
- نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- تامسىز تۈرمە (2)
- تامسىز تۈرمە (1)
- ب د ت خىتايدا تەن جازاسى مەسىلىسى بويىچە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللىدى