رافتو مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
rabiye-eqide-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم قىزى ئەقىدە بىلەن ئۆز ئۆيىدە. rafto.no

رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋىگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىدە، "2004 - يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا 2004 ‏- يىلى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش - ئىزلىرى يىغىننىڭ ئاساسلىق سۆز تېمىسى قىلىنغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامەتلىكى تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ بېرگىن شەھىرىگە يېتىپ بارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېلېفۇن ئارقىلىق يوللىغان تەبرىك سۆزى، سۈرىتى بىلەن بىرگە چوڭايتىلغان ئېكران ئارقىلىق بىۋاستە نەق مەيدانغا يەتكۈزۈلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى ئابدۇسەمەت ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدى.

رافتو فوندى جەمئىيىتى يىغىنىدىن كۆرۈنۈش رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى ئەقىدە روزى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون زىيارىتى