نورۋېگىيە "رافتو فوندى جەمئىيىتى" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە


2006.08.16
rafto_award_200.jpg
2005 – يىلى 26 – يانۋار كۈنى كەچتە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنې لىنگارددىن رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلگەن رافتو كىشىلىك ھوقۇق گۇۋاھنامىسىنى ۋاكالىتەنتاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. RFA

نورۋېگىيە "رافتو فوندى جەمئىيىتى"، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى. بۇ فوندى جەمئىيەت 2004 – يىللىق "رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" نى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن ئىدى. شۇندىن تارتىپ ئۇلار ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرقانچە قېتىملىق مۇھاكىمە ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، تېلېۋىزىيە، رادىئو، گېزىت ۋە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيىدىلا ئەمەس خەلقئارادا تونىلىشىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ ۋەقەلەرگە قارتا جىددى ئىنكاسلارنى قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى قىلمىشى ئىكەنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىگۇناھ قولغا ئېلىنغان پەرزەنتلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.

نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lynngård ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

"بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلىشىشقا باشلىغان، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز بېيجىڭدىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە باشقا بىگۇناھ سىياسى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مۇراجىئەت خەتلىرى يوللىدۇق"

Arne Lynngård ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رافتو فوندى جەمئىيىتى يۇقىرىقىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە، نورۋېگىيە پارلامېنتى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئارقا ئارقىدىن جىددى خەت يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە سادىر بولىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھادىسسىلىرىدىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"بىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى خەۋەردار قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز، بىز ئۇلارغا رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارغا يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىقلارنى بىرمۇ - بىر ئاڭلىتىۋاتىمىز. بىز يەنە نورۋېگىيىچە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا خەت يېزىپ ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي دائىرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق".

Arne Lynngård ئەپەندى ئاخىردا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يېتەرلىك ئاڭلىتىشنىڭ بەك مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

"بىز 2004 – يىلى رابىيە قادىرغا 'رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى' نى بەرگەندىن باشلاپ، ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشنى مۇھىم خىزمەتلىرىمىز قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ كەلدۇق. مېنىڭچە بۇ بەك مۇھىم، بۇ ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغىلى ۋە بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ".

Arne Lynngård ئەپەندى يەنە، "رافتو فوندى جەمئىيىتى" نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، "رافتو فوندى جەمئىيىتى" كېلەر يىلى، نورۋېگىيىنىڭ بەرگىن شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق چوڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلاۋىتىپتۇ. (ئابدۇسەمەت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.