رافتو فوندى جەمئىيىتى باشلىقى Arne Lyngård: "بۇ بىزنىڭمۇ ئارزۇيىمىز ئىدى"
2006.09.19
نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى 2004-يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى نورۋېگىيە ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدى. بىز نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا سازاۋەر بولۇش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngård ئەپەندى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2006 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ۋە نامزاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ نامزات قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىدىكىلەرنىمۇ خوشاللىققا چۆمدۈردى.
نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتى 2004-يىللىق رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە يامانلىشىپ بېرىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى نورۋېگىيە ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدى. بىز نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا سازاۋەر بولۇش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Arne Lyngård ئەپەندى زىيارەت قىلدۇق.
Arne Lyngård رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەك خوشال بولغانلىغىنى شۇنىڭدەك رابىيە قادىر خانىمنى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئەڭ لايىق كىشى دەپ قارايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى يەنە كېلىپ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى مەنى ۋە فوندى جەمئىيىتىمىزدىكى باشقا بارلىق خادىملارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى. بۇنداق بولۇشى بىزنىڭ ھەم ئارزۇيىمىز ئىدى. مېنىڭچە رابىيە قادىر بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى ھەم تۆلەۋاتىدۇ.
Arne Lyngård ئەپەندى يەنە، ئەگەر رابىيە قادىر خانىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولسا بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق ھەركىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتتى:
"نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ئىنتايىن زور، ناۋادا بۇ مۇكاپات رابىيە قادىرغا بېرىلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۇنيادىكى تېخىمۇ كوپ دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ تەسىر ۋە قوللاشقا ئېرىشىدۇ".
بىز ئارنە ئەپەندىدىن يەنە، ئىلگىرى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىرقانچە كىشىنىڭ كېيىن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەرىشكەنلىكىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
"توغرا، رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن بېرمىلىق Aung San Suchi، ھازىرقى شەرقى تېمورنىڭ باش مىنىستىرى Jose Ramos Horta، جەنۇبى كورىيىلىك Kim Dae Jung، ئىرانلىق شىرىن ئابادىلار، كېيىنچە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىز رابىيە قادىرنىڭ بۇ ئالى شەرەپكە ئېرىشكەن 5 - كىشى بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز، ئۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا تاللىغانلىقىمىز يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان بولىدۇ، بۇ ھەم بىز ئۈچۈن شان – شەرەپ. بىز رابىيە قادىر بۇ يىل بولامدۇ، ياكى كېلەر يىلى بولامدۇ ھامان بىر كۈنى بۇ مۇكاپاتقا چوقۇم ئېرىشىدۇ، دەپ قەتئىي ئىشىنىمىز.
ئارنە ئەپەندى رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە بۇ خىل تىرىشچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:
"پىرىنسىپ جەھەتتىن بىزنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىمىز بولمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ نامزات كۆرسىتىش ھوقۇقى بولغان ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىلگىرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىرىمىز بار. مەسىلەن، بۇ قېتىم رابىيە قادىرنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى Annelie Enochson خانىم بىلەن ئۇزۇندىن بەرى يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كەلدۇق، ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەردىن بىرى، بىز ئۇنىڭغا رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇر مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ كەلدۇق. بىز بۇ خىل تونۇشتۇرۇش ۋە تەۋسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىمىزنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بارىمىز". (ئابدۇسەمەت)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى
- رابىيە قادىر خانىم راي سىناشتا نوبېل نامزاتلىرى ئىچىدىكى كۈچلۈك نامزات
- شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئانېلىئې ئېناكسون خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى شادلىققا چۆمدۈردى
- د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولغانلىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولدى
- نورۋېگىيە "رافتو فوندى جەمئىيىتى" ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رافتو مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- رابىيە قادىر خانىم كېلەر يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن