د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى 2007 ‏- يىللىق رامىزان ئېيى مۇراجىتى ئېلان قىلدى


2007.09.05

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مۇراجەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ناماز قىلىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىشقا ئوخشاش 5 پەرزىنى ئىجرا قىلىشتەك ئەقەللى دىنىي ھەقلىرىنىڭمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبلىك مۇبارەك رامىزان ئېيىنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولالمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈپ ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن، دىنىي ۋەزىپىلەردىن ھېسابلانغان سەدىقە - فىتىر ، زاكات ۋە خالىس ياردەملەرنى توپلاپ، قېيىنچىلىققا يولۇققانلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ 2007 ‏- يىللىق رامىزان ئېيى مۇراجىتىنىڭ تەشەببۈسى توغرىسىدا توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.