مۇسۇلمانلار مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋالدى


2007.09.12

Heytgah-Imami-150.jpg
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى، موللام مۇھاممەد ئىمىن (سولدىكى كىشى)، مەسچىتتە نامازدا. 2003 - يىلى 17 - سېنتەبىر. AFP PHOTO

رامىزان ئېيى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئايلارنىڭ ئەڭ ئۇلىغى، دەپ تەرىپلىنىپلا قالماي، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش يەنە مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان 5 پەرزنىڭ بىرىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار، شۇ قاتاردا قەشقەردىن ‏- ئىستانبۇلغىچە، ئۈرۈمچىدىن ‏- مەككىگىچە، ميۇنخېندىن ‏- ۋاشىنگتونغىچە بولغان كەڭ زېمىنغا تارقالغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئوخشىمىغان ئارزۇ - ئىستەكلەر ۋە شارائىت ئاستىدا بۇ مۇقەددەس ئاينى كۈتۈۋالدى.

ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا رامىزان ئېيىنىڭ ئاي كۆرۈلگەن 1 ‏- كۈنى مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى شۇ كۈنى مەككە شەھىرىدىكى مەسچىدى ھەرەمدە تەرەۋى نامىزى بىلەن باشلىدى. يۇقىرىدا مەككىدىكى مەسچىدى ھەرەم ئىمامىنىڭ تەرەۋى نامىزىدىكى قىرائىتىنى ئاڭلىدىڭلار. لېكىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى ياكى ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى، بەزى دۆلەتلەردە رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى قىسمەن پەرقلەنمەكتە. شىمالىي ئافرىقىدىكى لىبىيە ئاينىڭ چىقىشىنى ئەمەس، ئاسترونومىيە كالىندارىنى ئاساس قىلىپ، روزىنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان، قاتار ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلپىلىكى، ئىران ۋە تۈركىيىلەردە ئاينىڭ چىقىشى ئاساس قىلىندى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ ؟

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىراجىددىن ئەزىز، مۇسۇلمانلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا پەيشەنبە كۈنى سەھەردە روزىغا قوپىدىغانلىقىنى، لېكىن تەرەۋى چارشەنبە باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. شۇ كۈنلەردە شىئە مەزھىپىدە بولغان ئىراندا پۈتۈن رېستوران ۋە ئاشخانىلار كۈندۈزى تاقىلىشى كېرەك. لېكىن كۈندۈزى رېستوران ۋە ئاشخانىلارنى تاقايدىغان دۆلەت ئىرانلا ئەمەس. ئافغانىستان، رامىزان ئېيىدا كۈندۈزى ئاشخانا ۋە رېستۇرانلارنى تاقايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رامىزان ئېيىدا ھەر كۈنى سائەت 1:00 گە قەدەر ئىشلەيدۇ.

ئامېرىكىدا رامىزان ئېيى مەزگىلىدە خىزمەت ۋاقتى ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئافغانىستانلارغا ئوخشاش شەكىلدە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۈلمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئۆتكۈزەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. غەيرەت سىدىق، يېقىنقى 7 يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ.

رامىزان، قۇرئانى - كەرىم نازىل قىلىنغان ۋە روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئاي

Heytgah-Namaz-150.jpg
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان جامائەت. 2003 - يىلى 17 - سېنتەبىر. AFP PHOTO

ھىجرىيە كالىندارىنىڭ 9 ‏- ئېيىغا توغرا كېلىدىغان رامىزان ئېيى، ئىسلام ئەنئەنىسىدە "ئايلارنىڭ سۇلتانى " دەپ تەرىپلىنىدۇ ۋە رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ خاسىيىتى مۇسۇلمانلارنى "ئاللاغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرىدىغان" ۋە ئاللانىڭ بۇ ئايدا قىلىنغان ئارزۇ - تىلەكلەرنى "ئىجابەت" قىلىدىغانلىقىدۇر " دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى رامىزان، قۇرئانى - كەرىم نازىل قىلىنغان ۋە روزا تۇتۇش پەرھىز قىلىنغان ئاي بولۇپ، ھەدىسلەردە "رامىزان" گۇناھلارنىڭ ساقىت قىلىنىشىغا ۋەدە بېرىلگەن ئاي سۈپىتىدە ئەرەبچىدىكى "ئاتەشتەك تاش" ياكى يەر يۈزىنى پاكىزلاش مەزمۇنىدىكى "ياققان يامغۇر " دېگەن مەنىدە كېلىدىغان "رامىد " دېگەن سۆزلۈكتىن ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جىددى رادىئوسىدىكى سىراجىددىن ئەزىز، روزىنىڭ قائىدىسى ۋە رامىزاننىڭ ئىسلام دىنىي ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

رامىزان ئېيى يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە ۋە مەدىنىلەرنى زىيارەت قىلىپ، تاۋاپ ۋە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇھىم ئايلارنىڭ بىرىدۇر. سەئۇدى ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىنىڭ ئالدى - كەينى ۋە رامىزان ئېيى جەريانىدا ئۆمرى ھەج قىلغۇچىلارنىڭ بىر مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا رامىزان ئېيىدا ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. لېكىن ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ئافغانىستان ۋە ئىراقلاردا رامىزان ئېيىدا ئۇرۇش توختايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ناھايىتى تەس. ئافغانىستاندا تالىبانلار رامىزان ئېيىدا مەزكۇر دۆلەتتىكى غەرب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ۋە ھۆكۈمەت نىشانلىرىغا يېڭى ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى بولسا قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى رامىزاننىڭ ھارپا كۈنى توختىمىغانلىقىنى، لېكىن 2006 ‏- يىلغا قارىغاندا ئازايغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىغا چەكلىمە قويدى

ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان ئېيىنىڭ تەنتەنىسى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلار بىلەن ئوخشاش كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار مەۋجۈت شارائىتلار ئاستىدا يەنىلا رامىزاننىڭ دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئادا قىلىپ كەلدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى تەرەۋى نامىزىنى چارشەنبە كۈنى ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلار پەيشەنبە كۈنى سەھەردە "سوھۇرغا" قوپىدىكەن. بۇ سۆزلەرنى قەشقەر ھېيتكار مەسچىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىنى، تەرەۋىگە بېرىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رايوندىكى بەزى مەكتەپلەر رامىزان ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماق بېرىدىغان، بەزى ئورگانلار ئۇيغۇر كادىرلارنى چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2006 ‏- يىلقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. قەشقەر ھېيتكار مەسچىتىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى، ھۆكۈمەتنىڭ رامىزان ئېيىدا ياش ئۆسمۈرلەرگە چەكلىمە قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېيتكار مەسچىتىدىكى تەرەۋىگە كەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا، "ئۇلار تەرەۋىگە كىرىشنى خالىمايدۇ " دەپ جاۋاب بەردى.

ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىنى، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە تەرەۋى نامىزىغا بېرىشىنى چەكلەش ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا "ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىدىغان تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى " دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ تىغ ئۇچىنى دىنىي ساھەگە قارىتىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان بايرىمىنى تەبرىكلەپ،" خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى ئىسلامنىڭ تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە شاد - خورام ئۆتكۈزۈشىگە، دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى نۇقسانسىز ئادا قىلىش ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.