ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان رامزان ئېيىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى رامزان ئېيى كىرىشى بىلەن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشى، تاراۋىغا بېرىشى ۋە ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-08-01
Share
Uyg-qiyin-ramazan-305.jpg رامزان مەزگىلىدە قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار.
AFP Photo

مەزكۇر چەكلىمە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى كۆزەتكۈچى ئورگانلارنىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى كۆزەتكۈچى ئورگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر بەلگىلىمىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭ نارازىلىق ۋە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى سكوت فىللىپس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى رايونلاردا يولغا قويغان روزا تۇتۇش، تاراۋىغا بېرىش قاتارلىق دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىگە باھا بېرىپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىلەپ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رامزان ئېيى كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيە، يېزا-بازار دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، كادىر، خىزمەتچى، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىشى، ئىپتار ۋە تاراۋى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.

بەزى جايلاردا پۇقرالارغا ۋەدىنامە يازدۇرۇلۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقى، روزا تۇتماسلىقى، تاراۋىغا بارماسلىقى، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، چۈمبەل ئارتقان، پەرەنجە كىيگەن ئاياللارنى دەرھال ھۆكۈمەتكە پاش قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

دائىرىلەر ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە يەككە تىجارەتچىلەرگە 10 تۈرلۈك تەلەپ قويۇلۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ساقال قويۇپ، ئۇزۇن تون كىيىۋالغان ياشلارنى، رومال ئارتىۋالغان پەرەنجىلىك ئاياللارنى ئىشلىتىشى، دۇكاندا ناماز ئوقۇشى، دۇكانغا دىنىي مەزمۇندىكى رەسىم ۋە سىمۋول خاراكتېرلىك نەرسىلەرنى ئېسىشى، «مۇسۇلمانچە» ياكى «ھالال» دەپ خەت يېزىلغان نەرسىلەرنى سېتىشى، رېمونت قىلىش ياكى ئىجارىگە بېرىشنى باھانە قىلىپ، رامزاندا دۇكاننى تاقاپ قويۇشى، «جىلباپ» دەپ ئاتالغان ئاياللار پەرەنجىسى سېتىشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىللىپس خىتاينىڭ يۇقىرىقى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتى سەلبىي نەتىجە بېرىدۇ ۋە بۇ خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ، دەپ ھېسابلايمىز. شۇنداقلا بىز يەنە پاكىتلاردا كۆرسىتىلگەندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بېيجىڭنىڭ سىياسىتى ئاستىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ يولغا قويغان تەدبىرلىرى بىخەتەرلىك تەلەپلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى، مەسچىتكە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى، دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى ۋە شەخسى دىنىي كۇرسلارنى چەكلەشكە يۈزلەنگەن. بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەت. بۇ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا كۆرگەن ئەڭ ئېغىر مەنزىرە. بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدىكى دىنىي چەكلىمىسى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بەزى رايونلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ئاشكارىلاپ، قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيىسىدە دىنىي ئېتىقادنى قوغداپ، خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىدە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ رايون ئاتلاپ دىن تەبلىغ قىلىش، رامزاندا روزا تۇتۇشنى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئىككى ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى دوكتور سكوت فىللىپس خىتاي دانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ خىل دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئىلگىرىلەپ رادىكاللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كومىتېتىمىز بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىتى رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، مەسىلە تۇغدۇرىدىغانلىقى، سەلبىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنىڭ سەلبىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى، رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆز-ئارا ئىشەنچ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى لازىم. شىنجاڭدا تىنچ دىنىي ئىبادەتكە يول قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا 1‏-قەدەمدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارنى روزىدا تاماققا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر باياناتتا، پارتىيە سېكرېتارلىرىنىڭ يەرلىك يېزا-كەنت باشلىقلىرىغا تاماق بېرىپ، ئۇلارنىڭ تاماق يېگەن-يېمىگەنلىكىنى سىناش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى ئېنىقلاش تەلەپ قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىراق خىتاينىڭ رادىكال ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىشى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «2012‏-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» دا تەنقىد قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، پروفېسسور، ئوقۇغۇچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ روزى تۇتۇش، ناماز ئوقۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى بۇ يىل يەنە، دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى دوكتور سكوت فىللىپس تىزىملىكتىكى دۆلەتلەرگە قانداق چارە قوللىنىش مەسىلىسىدە ھەققىدە توختىلىپ، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك «شىنجاڭ» غا ئېمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ: بىز دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىكى ئەللەرگە ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى نىشان قىلىپ، چارە قوللىنىش كېرەك، دەپ قارايمىز. ئۇيغۇر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى باھالايدىغان مىزان. بۇ مەسىلە بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم. شۇنداقلا يەنە، دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار ئۆلكىلەرگە كونكرېت ئېمبارگو قويۇش زۆرۈر. بىزنىڭ قارىشىمىزچە شىنجاڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئەڭ ناچار رايوندۇر، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت