رامىزاننىڭ ئاخىرىدىكى فىتىر سەدىقىسى ۋە ئۇيغۇرلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.09.29
2008.09.29
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش نورمال ئېھتىياجىدىن تاشقىرى مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر، يەنى چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال، ئەقىل ھوشى جايىدا بولغان ياكى بولمىغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال - دۇنياسىدىن بېرىلىدۇ.ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. رامىزاندا فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرز بولۇپ قالىدۇ، لېكىن تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جارراھ بۇ ھەقتە:" رامزاننىڭ فىتىر سەدىقىسى نامازنىڭ سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر، سەۋەنلىك سەجدىسى نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ " دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇ سەدىقىنى ئادا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىپ "بۇ ھېيت كۈنىدە پېقىرلارنى بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىڭلار" دەپ كۆرسەتكەن."









