فىتىر سەدىقىسى- رامىزاننىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن سەدىقە دېمەكتۇر. فىتىر سەدىقىسى ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان روزىسى پەرىز بولغاندىن كېيىن، زاكات پەرىز بولۇشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن.
فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر. يەنى چوڭ-كىچىك، ئەر- ئايال، ئەقىللىق- ئەقىلسىز ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال- دۇنياسىدىن بېرىلىدۇ. ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر.
فىتىر سەدىقىسىنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرى
فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن شۇكى، فىتىر سەدىقىسى روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىبنى جەرراھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:" رامىزان ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى، ناماز ئۈچۈن سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر. سەجدە نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ ". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" بۇ كۈندە (يەنى ھېيت كۈنىدە) پېقىرلارنى نەرسە سوراشتىن بېھاجەت قىلىڭلار "(داراقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى).
فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟
فىتىر سەدىقىسى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جائىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جائىزدۇر. ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن بېرىشتۇر.
فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى مۇھەممەد نىياز ھاجىم فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: " فىتىر سەدىقىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى فىتىر سەدىقىسى ھەنەپىي مەزھىپىگە كۆرە، تۆت نەرسىنىڭ بىرىدىن بېرىلىدۇ. ئۇلار: بۇغداي، ئارپا ، خورما، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار. فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇغدايدىن يېرىم سا، ئارپا، خورما ۋە قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سادۇر. ئەمما شافىي، ھەنبەلىي ۋە مالىكى مەزھەپلىرىگە كۆرە، فىتىر سەدىقىسى ئاشلىق، زىرائەتلەردىن ۋە يېمەك ئورنىدا قوللىنىلغان خورمىغا ئوخشاش مېۋىلەردىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى بىر سادۇر. يەنى فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى ئىراق كەمچەكلىرى بىلەن بىر سادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بېرىلىدىغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بۇ ئىدى. بۇنىڭ مىقدارى كۈنىمىزدە 2751 گرام، ھەنەفىي مەزھىپىگە كۆرە، 3800 گرامدۇر.
فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا ئاشلىق، زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ قايسى بىرىدىن بېرىش دۇرۇس بولغىنىدەك، بەرمەكچى بولغان نەرسىلەرنى پۇلغا ھېسابلاپ قىممىتىنى بېرىشمۇ جائىزدۇر. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ پېقىرلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇلارغا ئاشلىق ياكى مېۋە بەرگەندىن كۆرە بۇلارنىڭ پۇلىنى بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر. "
فىتىر سەدىقىسى كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
مۇھەممەد نىياز ھاجىم فىتىر سەدىقىسىنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادى ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر."
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " زاكات پېقىرلارغا (زاكات بېرەلمەيدىغان كەمبەغەللەرگە)، مىسكىنلەرگە (ھېچ نەرسىسى يوق، ئاجىز يوقسۇللارغا)، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا، يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ (تەۋبە سۈرىسى 60- ئايەت)."(ئۆمەرجان)