تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان ئېيىدا ئىپتىدا بىرگە بولۇپ، بىر – بىرىگە مېھرى مۇھاببەت كۆرسەتمەكتە.
قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت – ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا ئىپتىدا بىرى – بىرىنى ئۆيىگە چاقىرىشىپلا قالماستىن يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان ئائىلىلەرنى يوقلاپ، ئۇلارغا ماددىي ۋە روھىي جەھەتتە ياردەم بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتقا، ئۇلار يەنە ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلىچىكى ھەققىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ئورتاقلاشتۇرماقتا.
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش سېكرېتارى ھامۇت كۆكتۈركمۇ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا-رامزان جەريانىدىكى بىر –بىرىگە كۆرسىتىۋاتقان مېھرى – مۇھاببەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ