تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدا ئىپتارلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا


2005.10.17

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار رامىزان باشلانغاندىن بۇيان شەرقىي تۇركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆزارا ئىپتارلىشىپ، بىر بىرىگە مېھرى – مۇھاببەت يەتكۈزىۋاتقان بولۇپ، قول ئىلكىدە بولغان ئۇيغۇرلار نۆۋەت بىلەن بېرىۋاتقان بۇ ئىپتار تامىقىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، تۈركىيىدىكى سىياسەتچىلەر، بىلىم ئادەملىرى، ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرىمۇ قاتناشماقتا.

بۈگۈن ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەلى كوچ ئەپەندى ئىپتار تامىقى بەرگەن بولۇپ، بىز ئىپتار سورۇنىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئىپتاردىن بۇرۇن ۋەز ئېيتىۋاتقان مەمەت قارى ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، روزا ھەققىدە سۆزلىدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.