
1- ئاينىڭ 15-كۈنى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامەلى راخمانوپ خىتايغا قاراتقان بىر ھەپتىلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15- يانۋار كۈنى خۇ جىنتاۋ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا راخمانوپنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئارىسىدا رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.
تاجىكىستاننىڭ" ئاۋېستا" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىمامەلى راخمانوپ بىلەن خۇ جىنتاۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە " خىتاي-تاجىكىستان ئىناق-قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى" نى ئىمزالىدى.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تاجىكىستان بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 15 يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققى قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى قويۇق بېرىش كېلىش قىلىپ، ئۆزارا دوستلۇق ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تارىختىن ئېشىپ قالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ب د ت رامكىسى ئاستىدىكى ئۆزارا باغلىنىشلىق زور مەسىلىلەردە ياخشى ماسلىشىش ۋە تەڭشەش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامەلى راخمانوپمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، تاجىكىستان بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت -مائارىپ جەھەتلەردىن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ھالدا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى، تاجىكىستان تەرەپنىڭ " بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىش چوڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ كەلگەنلىكىنى" تەكىتلىدى.
"ئۈچ خىل كۈچكە" ئورتاق قارشى تۇرۇش قايتا تەكىتلەندى
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن شىنخۇئانىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تاجىكىستان رەھبىرى ئىمامەلى راخمانوپقا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەش خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار سىياسىي، سودا-ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە خەلقئارا ھەم رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى ئورتاقلىقنى كۈچەيتىشكىمۇ قارىتىلغان. خۇ جىنتاۋ بەش خىل تەكلىپىنىڭ ئۈچىنچى نۇقتىسى سۈپىتىدە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، "ئۇچ خىل كۈچلەر"، چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلىكتىن ئورتاق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئورتاق زەربە بېرىش شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ھەم بىخەتەرلىكىنى قوغداش" دەپ كۆرسەتكەن.
ئىمامەلى راخمانوپمۇ تاجىكىستاننىڭ "خىتاي بىلەن خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق ئىشلاردا ماشلىشىپ، قەتئىي ھالدا "ئۈچ خىل كۈچ"كە زەربە بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئىككى دۆلەت شەرتنامىسىدىن ئورۇن ئالغان

خىتاي بىلەن تاجىكىستان رەھبەرلىرى ئىمزالىغان 18 ماددىلىق" خىتاي-تاجىكىستان ئىناق-قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى"نىڭ 7-ماددىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئورتاق زەربە بېرىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزمغا قارشى تۇرۇش" كېلىشىملىرىگە بىنائەن" ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا داۋاملىق چارە تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكالىزمنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش" دەپ قارار قىلىنغان.
مەلۇمكى، تاجىكىستان شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى، تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارىسىدا بەش يۈز كىلومېتىر چېگرا لىنىيىسى بار بولۇپ، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى تۇتىشىدىغان ۋاخان كارىدورى ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر ئېلى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقنى باغلايدىغان مۇھىم ئۆتكەلدۇر. خىتاي دائىرىلىرى تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرا لىنىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەرىكەت بازىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئىزچىل تۈردە ئەنسىرەپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسى مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپلا تالاش-تارتىش داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى خىتايي بىلەن تاجىكىستان چېگرا سىزىقلىرىنى مۇقىملاشتۇرغان ئىدى.
تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ زەربە بېرىش تەلەپلىرىنى قوللاپ كەلگەن ، بۇ قېتىم ئىمامەلى راخمانوپ يەنە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىدە داۋاملىق خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاجىك رەھبىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى
تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامەلى راخمانوپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى خىتاي پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىكىستانغا يېقىن بىر جايدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مەشق بازىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئاتالمىش" 18 نەپەر تېررورچىنى" ئۆلتۈرۈپ، 17سىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان, خىتاي ۋە تاجىكىستان ئۈچۈن تەھدىدلىك نۇقتىلار ئىكەنلىكىدىن سىگنال بەردى. خىتاي ئاخبارات تورلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ تاجىكىستانغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشتى. 2006-يىلى 9-ئايدا خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئىككى دۆلەت چېگرا رايونىدا "ھەمكارلىق 2006"ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى ۋە ئازادلىق ئارمىيە قىسىملىرى ھەمدە تاجىكىستاننىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئىشتىراك قىلغان شۇنىڭدەك مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
تاجىكىستان ئالىي سوتى پرېزىدېنت ئىمامەلى راخمانوپنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشىغا توغرىلاپ، "تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، ھىزبۇل تەھرىر، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى" قاتارلىق 10 تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتىپ، ئۇلارنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەركىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر دۈشەنبە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاينى خاتىرجەم ۋە خۇشال قىلماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)