خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى: خىتاينىڭ مىللىي ساپاسى بىلەن چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى ئارىسىدا زور پەرق مەۋجۇت


2006.12.28

نۆۋەتتە بېيجىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 - قانىلىدا تارقىتىلغان " چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتاي جەمئىيىتىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن " جوڭگو ياشلار " گېزىتىنىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جوڭگو چوڭ دۆلەتمۇ، دېگەن مەسىلىگە قارىتا كۆپچىلىك كىشىلەر خىتاينى چوڭ دۆلەت، دەپ قارىمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

جاۋ گوچيان: خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى كۈلكىلىك

راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 50 % دىن كۆپرەكى خىتاينى نۇپۇس ۋە تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتى، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينى سىياسى، ھەربىي، دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، تەبئىي بايلىقلار جەھەتتە چوڭ دۆلەت، دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى 20 % بىلەن 40 % ئارىسىدا قالدى.

بېيجىڭدىكى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى جاۋ گوچياڭ رادىئومىزغا "خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك خىيالى كۈلكىلىك،" دەيدۇ. ئۇ، "چوڭ دۆلەتلىك خىيالى ھەر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ماڭ بەكمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا جۇڭگونىڭ ئەمىلىيەتتە دۇنيادىكى 5 چوڭ دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلىمايدۇ. كومپارتىيە - گومىنداڭ ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن جوڭگو ئۆز ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن كومپارتىيە مۇستەبىتلىك يولىنى تاللىۋالدى،" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دەۋرىمىزدە چوڭ دۆلەت بولۇشنىڭ بىردىن بىر شەرتى نوپۇسى كۆپ، زېمىنى كەڭ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن بولۇشلا ئەمەس.

ئەنگىلىيە سابىق باش مىنىستىرى مارگارىت ساچىر، خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقى دۆلەت بولالماسلىق سەۋەبلىرىنى، "چۈنكى خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇنىۋېرسال بىر ئىدېئولوگىيە ياكى چۈشەنچە سېستىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر، " دەپ چۈشەندۈرگەن.

دوكتور قاھار بارات: خىتاينىڭ مىللىي ساپاسى چوڭ دۆلەت بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بۇ يەردىكى تۈپكى مەسىلە تەرەپلەرنىڭ چوڭ دۆلەت، دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىدۇر." ئۇ، "دەۋرىمىزدە چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، ئىقتىسادى گۈللنىشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك، دەپ قاراش توغرا ئەمەس،" دەيدۇ. ئۇ، بىر دۆلەتنى چوڭ دۆلەت، دەپ قاراش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە، خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوينايدىغان رولىغا قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قاھار بارات، خىتاينىڭ مىللىي ساپاسى چوڭ دۆلەت بولۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاينىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردە خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جوڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان 95 % كىشى خىتاينىڭ مىللىي ساپاسى بىلەن ئۇنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازى ئارىسىدا زور پەرقلەر بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاتالمىش "باش كۆتۈرۈش" ياكى "گۈللىنىش" ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ "باش كۆتۈرۈشى" ياكى "گۈللىنىشى" دۇر

ئالدىنقى كۈنى خوڭكوڭدىكى مەشھۇر ئوبزورچى گۇ پىڭ خوڭكوڭ "شەرق گېزىتى" دە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدا "جوڭگو ياشلار" گېزىتىنىڭ راي سىناش نەتىجىسى خىتاينىڭ "چوڭ دۆلەتلىك خىيالى" غا سوغۇق سۇ سەپكەنلىكىنى يازدى. ئۇ، خىتايدا زور كۆپچىلىك كىشىلەر چوڭ دۆلەت پۇقراسى بولۇش سۈپىتىدە شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى، ئاتالمىش "باش كۆتۈرۈش" ياكى "گۈللىنىش" ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ " باش كۆتۈرۈش" ياكى گۈللىنىشىدۇر،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا بىر مىليارد 300 مىليون پۇقرانىڭ كۆپچىلىكى ھازىرغا قەدەر دوختۇرغا كۆرۈنەمەيدىغان، ئوقۇيامايدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى ماكانسىزلار.

خوڭكوڭ تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى سودا ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى يەن خوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە چوڭ قۇرۇقلىقتىكى پۇقۇرالارغا كېرىكى جوڭگو چوڭ دۆلەتمۇ - ئەمەسمۇ، دەيدىغان قۇرۇق سوسكا ئەمەس، بەلكى ئەمىلىي نەرسىلەر. ئۇ، " چوڭ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى،" دىگەن بۇ فىلىمنى ھازىرقى شارائىتتا تارقىتىش بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارغا مەلۇم بىر نەرسىدىن ئۇچۇر بەرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بىز كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ پات يېقىندا چاقىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ فىلىم بەزى كىشىلەرنىڭ جوڭگو باش كۆتۈردى، دەپ تەنتەنە قىلىشىنى قوزغاش ئۈچۈن بېرىلگەن بىر سىگنالمۇ ؟ " دەيدۇ.

يېقىندا شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي 5 مىڭ يىلدىن بېرىقى ئەڭ گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرماقتا، دەپ مەدھىيىلەن. بۇ ماقالە خىتايلار ئارىسىدا "جوڭگو 5 مىڭ يىلدىن بېرىقى ئەڭ گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتامدۇ،" دېگەن مۇنازىرىنى قوزغىدى. شيې بەيسەننڭ مەزكۇر ماقالىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار خىتايدىكى "گۈللىنىش قەيەردە،" دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.