
يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر تاماقلىرىمۇ ئۆزىنىڭ مول تاماق تۈرلىرى، ئۆزگىچە لەززىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
يېقىندا تۈركىيىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت ۋە سانائەت مەركىزى بولغان ئىستانبۇل شەھىرىدە "يىپەك يولى تۈركىستان تاماقلىرى رېستورانى" ئېچىلدى. بۇ رېستوران ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 3 ئۇيغۇر رېستورانى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەملىكى، چوڭلۇقى، تازىلىقى، تاماق تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن باشقا رېستورانلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھەتتا تۈركىيىنىڭ بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ رېستورانغا كېلىپ ئۇيغۇر تاماقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ رېستورانغا بېرىپ رېستوران خوجايىنى ئابدۇخەمىت ئاقتاش ۋە رېستورانغا تاماق يېگىلى كىرگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.