بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەستىن ياخشىلىق قىلىش گۈزەل ئەخلاقتۇر


2007.12.26

باشقىلارغا قولىدىن كەلگەنچە ياخشىلىق قىلىش ۋە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى كۈتمەسلىك ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقتۇر. پۈتۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىمىز ئۈچۈن مۇكاپات ياكى رەھمەت سۆزى تەلەپ قىلىدىغان بولساق، ئىنسانىيەتكە خالىس ياخشىلىق قىلىش دائىرىسىنى ئىنتايىن تارايتىپ قويغان بولىمىز. دېئېل كارنېك كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇزكورلۇق مەسىلىسى توغرىلىق مۇنداق بىر قانچە مىسالنى كەلتۈرىدۇ: "سىز بىراۋنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ قىلغىنىڭىز بەدىلىگە رەھمەت سۆزى كۈتەمسىز؟ بەلكى شۇنداق قىلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن 'سەمۇئېل لايبېتز' ئاۋۋال ئادۋوكات، كېيىنچە سوتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا 87 كىشىنى توك ئورۇندىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىغان."

"شۈكۈر پەقەت ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ئۈنۈپ چىقىدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ"

ئەيسا پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 10ئادەمنى بىر كۈندىلا ساقايتقان بولسىمۇ، ئۇلاردىن قانچە كىشىنى ئەيساغا رەھمەت ئېيتتى دەيسىز؟ ئارانلا بىر ئادەم. ئەمما باشقىلار شۇنچە ئەرزان رەھمەت سۆزىنىمۇ ئېيتماستىن قايتىپ كېتىشكەنىدى.

چارلىز شەۋاب ماڭا مۇنداق بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇ بىر قېتىم ئىقتىسادىي بۇھرانغا ئۇچرىغان بىر سەرراپنى تۈرمە جازاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.لېكىن سەرراپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىمۇ؟ ھەئە، بىر كۈنى ئۇنىڭغا رەھمەت سۆزىنى ناھايىتى قىيىن دېيەلىدى، ئاندىن ئۇنى ئارقىسىدىن تىللاشقا باشلىدى."

دېئىل كارنىك گويا ئاللاھنىڭ "ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ نېمەتلىرىنى شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر" دېگەن سۆزىنى شەرھىلىگەندەك مۇنداق دەيدۇ: " تۇزكورلۇق شۇنداق بىر تەبىئەت بولۇپ، ئۇ زېمىنگە ئۈنگەن ئوت چۆپلەرگە ئوخشاش بىراۋ ئۇنى تېرىماستىن ئۆزلىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسە، ئەمما شۈكۈر پەقەت ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش بىلەنلا ئۈنۈپ چىقىدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ. ئىنسان تەبىئىتى يەنىلا شۇ ئەزەلدىنكى ئىنسان تەبىئىتىدۇر!"

ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئۇنى شۇ بۇيىچە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوقالغانلىقى ۋە تۇزكورلۇقنىڭ ئومۇملاشقانلىقىغا ھەسرەتلىنىمىز؟ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرچىنى ئۇنۇتۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىمىز ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى كۈتىدىغان بولساق، ئۆزىمىزگە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرگەن بولىمىز."

ياخشىلىق قىلغاننىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش ئىنسانىي ئەخلاقتۇر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دىدى: "قۇرئان كەرىم كىشىلەرنى نېمەت بەرگۈچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن ئادا قىلىشقا، ئەگەر باشقىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن ياخشىلىقى بەدىلىگە ئۇلارغا بېرىشكە ماددىي مۇكاپات تاپالمىسا تىلى بىلەن رەھمەت ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تولۇق مۇكاپاتىنى ئاللاھنىڭ بېرىشىگە تاپشۇرۇش بىلەن كۆڭلىمىزنى راھەتلەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: " سىلەرگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە مۇكاپاتىنى بېرىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسەڭلار، نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىقىڭلارنى ئىسپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن شۈكۈرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ياقتۇرغۇچىدۇر."

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: " بىراۋ تەرىپىدىن ئاتا ئېھسانغا ئېرىشكەن كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە لايىق نەرسە تاپالىسا مۇكاپاتىنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر تاپالمىسا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسۇن. ھەقىقەتەن نېمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئادەم شۈكۈر قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرغان ئادەم نېمەتكە كۇپرىلىق قىلغان بولىدۇ."

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:" ئاللاھقا ئەڭ شۈكۈر قىلىدىغان كىشى كىشىلەرنىڭ ئېھسانىغا رەھمەت ئېيتىدىغان كىشىدۇر." يەنە بىر رىۋايەتكە كۆرە:" كىشىلەردىن كەلگەن ياخشىلىققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمدۇر."

يەنە بىر ھەدىستە: " ئازغا شۈكۈر قىلمايدىغان ئادەم كۆپكىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىگەن ئادەم ئاللاھقىمۇ شۈكۈر قىلمايدۇ، نېمەتنى كىشىلەرگە سۆزلەش شۈكۈر، ئۇنى يوشۇرۇش كپرىدۇر، بىرلىك رەھمەت، ئايرىلىش ئازابتۇر."

يوقىرىقى ھەدىستە بىرلىكنىڭ رەھمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش يوقىرىقى سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەسىلىنىڭ نېگىزى يەنىلا ۋاپاغا جاپا ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىشقا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى بىرلىكنى تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە پەقەت ئۆزئارا ياخشىلىقنى جارى قىلدۇرۇش ۋە بىر بىرىنى ھۇرمەتلەشتۇر. ئىناقسىزلىقنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان نەرسە پەقەت بىر بىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى زايا قىلىش، بىر بىرىنىڭ ياخشىلىقىغا تۇزكورلۇق قىلىشتۇر.

ياخشىلىققا تۇزكورلۇق قىلىش رەزىللىكتۇر

قۇرئان كەرىم مىننەتدارلىق بۇرچىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ رەزىللىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئېھسان ئىگىلىرىدىن ئەمەللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى نىيەتتە شەكىلۋازلىق قىلىش ئەمەلنى يوققا چىقىرىدۇ. تەقدىرلەشكە سازاۋەر بولىدىغان ياخشىلىق بىراۋنىڭ رەھمەت ئېيتىشى ياكى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت خالىس ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلىگەن ھالدا قىلىنغان ياخشىلىقتۇر.

قۇرئان كەرىم ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بۇيرۇشتا كۆڭۈللەرنى دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە چوقۇنۇشنىڭ قۇللىقىدىن ئازات قىلىش ئارقىلىق ئۇنى مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھقىلا يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. مۇنداق كۆڭۈل ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ياكى ئابرويغا ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھالدا ئىچىدىن كەلگەن تەبىئىي قىزىقارلىق، ھەقىقىي سەمىمىيەت ۋە ساپ نىيەت بىلەن قىلىدۇ.

مانا بۇنداق ئالىيجاناپلىق ھەقىقىي ئېھساننىڭ تۈرتكىسىدۇر. مانا بۇ ھەرقانداق گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۈلگىسىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىز پۈتۈن ئىش پائالىيەتلىرىمىزدە نىيەتلىرىمىزنى ۋە ئەمەللىرىمىزنى كىشىلەرنىڭ ماختىشى، مىننەتدارلىق بىلدۈرىشى ۋە رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتمەستىن،ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش، ئابروي قازىنىش ۋە باشقىمۇ دۇنيالىق مەنپەئەتلەرنى كۆزلىمەستىن پەقەت خالىسلىق بىلەن قىلىشىمىز كېرەك. (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.