دۇنياۋى فوتوگراف كۆرگەزمىسىدە شەرقىي تۈركىستان تېمىسى


2006.07.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xitay-armiyisi-200-g.jpg
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا -1995 - يىلى ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭمۇ ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي بالىلىرى ئورۇنلىغان نومۇردا بۇ جاينىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغانلىقى ھەمدە داۋاملىق بېسىۋېلىشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى ئەكىس ئېتىدۇ. 1995 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدە تارتىلغان. image courtesy: Reza

نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا ئىرانلىق داڭلىق فوتوگراف رېزانىڭ "بىر دۇنيا بىر مىللەت" تېمىسىدىكى فوتو سۆرەت ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلماقتا. بۇ كۆرگەزمىگە رېزانىڭ 30 يىلدىن بۇيان دۇنيانى ئايلىنىپ تارتقان فوتوگىراف ئەسەرلىرى ئىچىدىن تاللانغان " 60 نەچچە پارچە تاللانما ئەسەرلىرى قويۇلغان.

رېزا نىڭ ئىجادىي ھاياتىدىكى بۇ نادىر سۈرەتلەرنىڭ كۆپۈكچىسى خەلقئارادا باھالانغان ئەسەرلەر بولۇپ ھەر بىر سۆرەت دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تارتىلغان بولسىمۇ بۇ سۈرەتلەردىن دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭىدىكى مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ دۇنيادا ئۆز ئارا زىچ باغلىنىشچانلىقى بارلىقى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

سۆرەتلەرنىڭ كۆپۈكچىسى دۇنيادىكى تىنىچسىز، يەنى ئۇرۇش، تەبىئىي، سىياسىي ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىغان جايلاردا تارتىلغان بولۇپ، ئافغانىستان، چېچىنىيە، گرۇزىيە، سومالى، ۋيېتنام قاتارلىق جايلاردىكى ئىجتىمائىي ھەمدە تەبىي شارائىتلار بىلەن شۇ جايدىكى كىشىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئالغان سۈرەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىر ھېكايىدەك مەنىلەر بېرىدۇ. شۇنداقلا ئاپتورنىڭ تىنچلىق، ئىللىقلىقنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

رېئاللىقنى ئەكەس ئەتتۈرگەن رەسىم

كۆرگەزمىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدە بىر سۈرئەت بولۇپ ئۇنىڭغا "شەرقىي تۈركىستاندا - خىتاينىڭ ئەڭ بۇلۇڭىدا خىتاي بالىلىرى كوممۇنىزىمنى ساتماقتا" دېگەن تېما قويۇلغان. بۇ سۈرەتنى رېزا 1995 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۈرەتكە ئالغان بولۇپ سۈرەتتە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان خىتاي بالىلىرى سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىۋاتقان كۆرۈنۈش بولۇپ، سۈرەتنى بىۋاستە كۆرگۈچىدە ھېچقانچە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلالمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قويۇلغان تېما ھەمدە چۈشەندۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئاپتور رېزا بۇ سۈرەتكە بەرگەن چۈشەندۈرۈش سۆزىدە "خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا -1995 - يىلى ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس سەنئەت كېچىلىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭمۇ ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي بالىلىرى ئورۇنلىغان نومۇردا بۇ جاينىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغانلىقى ھەمدە داۋاملىق بېسىۋېلىشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى ئەكىس ئېتىدۇ. " دەپ يېزىلغان. كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەر ئىچىدە يەنە بىر قانچە پارچە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدىكى ئەسەرلەرمۇ بار بولۇپ، ئاساسەن ئادەملەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ھەم ئىجتىمائىي شارائىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن گۈزەل ئەسەرلەردۇر.

دۇنياغا داڭلىق فوتوگراف رېزا ئۇيغۇر ئېلىغىمۇ بىر قانچە قېتىم زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئۇ ئۇ جايدا فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق ئالاھىدە كەسپىي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. رىزانىڭ مەزكۇر چوڭ تىپتىكى فوتو ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋاشىنگىتوندا ئىيۇندىن ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلماقچى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى بولغان ۋاشىنگىتون شەھرىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇزېيلىرى دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، ھەر قايسى مۇزېيلاردا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر قايسى مىللەتلەرگە تەۋە گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئۈزۈلمەي كۆرگەزمە قىلىنىپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ مۇزېيلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭدار رەسساملاردىن نەجمىدىن ئەزىزى، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەپەندى ھەمدە ھۆسنىخەتچى نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىمۇ قويۇلۇپ ئامېرىكا تاماشىبىنلىرىنى جەلپ قىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.