مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات


2007-07-26
Share

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھەمىشە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلالايدىغان، مەرد، سېخىي كىشىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ، خۇسۇسەن كېيىنكى نەسىللىرىنڭ غېمىنى يېيىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان. ئۇلار بارغانلىكى جايدا كېيىنكىلەر ئۈچۈن بېرەر ئىز ۋە ئەسەر قالدۇرۇشنى مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ تونۇغان. ئۇيغۇرلاردىن ئۆتمۈشلەردە ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان پۇللۇق كىشىلەر مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە، ھەتتا پاكىستان ۋە مىسىرغا ئوخشىغان مەملىكەتلەردىمۇ، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ھەشەمەتلىك سانىلىدىغان بىنالارنى سېتىپ ئېلىپ، كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ يېتىپ قويۇشى ئۈچۈن ۋەقىپ قىلىۋەتكەن ئىكەن.

ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتمۇ مەزكۇر ۋەقىپ بىنالىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ رىبات مۇندىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى تەخمىنەن 1904 ‏- يىللىرى خوتەنلىك ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى تەرىپىدىن ۋەقىپ قىلىنغان ئىكەن. بۇ ۋەقىپ ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن.

ئابدۇرەئۇپ ھاجىم مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:" مەككىدىكى خوتەن رىباتى ھىجرىيە 1325 يىلى(مىلادىيە 1904- يىللىرى) خوتەنلىك كاتتىلاردىن ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئۇ كىشىنىڭ ئۇرۇغ - ئەۋلادى بولمىغانلىقتىن، بۇ رىباتقا يەنە خوتەنلىك مەسۇم داموللام دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان. بۇ رىبات ۋەقىپ قىلىنغاندا بىر قەۋەتلىك بىنا ئىدى. ئاياللار ئۈچۈن ئىككى ئېغىزلىق، ئەرلەر ئۈچۈن ئىككى ئېغىزلىق، ھەممىسى بولۇپ تۆت ئېغىزلىق ئاددى ئۆي ئىدى. مەسۇم ھاجىم ۋاپات بولغان كېيىن، خوتەنلىك ئالىم ھاجىم دېگەن كىشى بۇ رىباتقا مەسئۇل بولغان ۋە مەككىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياردەم توپلاپ بۇ رىباتنى تۆت قەۋەتلىك قىلىپ قايتا سېلىپ چىققان."

خوتەن رىباتىنىڭ خىزمەتلىرى

ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتى تەسىس قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى 1980- يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىش يولى ئېچىلغانغا قەدەر مەككىدىكى خوتەنلىك ئاجىز - ئورۇق ، پېقىرلارنىڭ يېتىپ ‏- قوپۇش ئورنى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ھاجىلار كېلىشكە باشلىغاندىن بېرى، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ رامىزان ۋە ھەج مەزگىللىرىدە بىردىنبىر يېتىپ قوپۇش ئورنىغا ئايلانغان ئىكەن. بۇ رىباتنىڭ باشقا ئۇيغۇر رىباتلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ مەسجىتى ھەرەمگە ئەڭ يېقىن بولغانلىقى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئورۇنلىشاتتىكەن ۋە ئۇنىڭدا ھەمىشە ئادەم كۆپ بولىدىكەن.

خوتەن رىباتنىڭ ئورنى 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باھالاندى

ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەككىدىكى خوتەن رىباتى ئورۇن جەھەتتىن مەسجىتى ھەرەمگە ئەڭ يېقىن رىباتلاردىن بىرى بولۇپ، مەسجىتى ھەرەمنى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى سەۋەبلىك بۇ رىبات 2004- مىلادىيە يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىتىۋېتىلگەن ۋە بەدىلىگە 7 مىليون سەئۇدى ئەرەبىستانى رىيالى( تەخمىنەن 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ) بېرىلگەن ئىكەن.

خوتەن رىباتقا ئائىت بۇ مەبلەغ مەسجىتى ھەرەمنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش باشلىغان " جەبەل ئۆمەر " شىركىتىنىڭ ھەسسىدارلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن ئىكەن. يېقىندا مەزكۇر مەبلەغنى ئىشلىتىپ خوتەن رىبات ئۈچۈن مەككە شەھىرى ئىچىدىن يېڭى بىنا سېتىۋېلىش تىرىشچانلىقى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خوتەن رىباتىنىڭ مەسئۇللىرى

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتىغا تۇنجى بولۇپ مەسئۇل بولغان كىشى بۇ رىباتنى سېتىپ ئېلىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەقىپ قىلغان ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ رىباتقا مەسۇم داموللام دېگەن كىشى، ئاندىن ئالىم ھاجىم دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان ئىكەن.

مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى خوتەن رىباتىغا تۇنجى بولۇپ مەسئۇل بولغان كىشى بۇ رىباتنى سېتىپ ئېلىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەقىپ قىلغان ئابدۇقادىر ھاجىم دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ رىباتقا مەسۇم داموللام دېگەن كىشى، ئاندىن ئالىم ھاجىم دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان ئىكەن.

بۇ رىباتنىڭ ھازىرقى مەسئۇلى 1945- يىلى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزىنىڭ ئىنىسى شەمسىددىن قارىھاجىمنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد نۇر دېگەن كىشىدۇر. (ئۆمەرجان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت