جورج بۇش كوندىلىزا رايسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى

0:00 / 0:00

پرىزېدېنت جوج بۇش سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ قەدىناس دوستى، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى كاندىلىزا رايسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:

" كوندىلىزا رايىس پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئوبدان تۇنۇلغان. ئۆتكەنكى تۆت يىل جەريانىدا، مەن ئۇنىڭدىن كۆپ مەسلىھەتلەرنى ئالدىم، مول تەجرىبىسىدىن پايدىلاندىم. مەن ئۇنىڭ ئەتراپلىق ۋە پۇختا ھۆكۈم چىقىرىدىغان قابىلىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. كوندىلىزا رايسنىڭ مېنىڭ ئىچكى كابېنتىمغا قاتنىشىشنى ماقۇل كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ۋەكىلى. پۈتۈن دۇنيائەھلى دوكتۇر كوندىلىزا رايىسنىڭ ۋۇجۇدىدىن دۆلىتىمىزنىڭ كۈچى، سالاپىتى ۋە شان شەرىپىنى كۆرىۋالالايدۇ."

20041116-3_1116rice1-pm-250h.jpg

ئامېرىكىنىڭ قانۇنى بويىچە، ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى كوندىلىزا رايسنى تەستىقلىسىلا، ئۇ تۈنجى قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن قارا تەنلىك ئايال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. كوندىلىزا رايىس ئۇزۇن ئۆتمەيلا كولىن پاۋېلنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. كولىن پاۋېل بىر نەچچە ئاي ئىلگىرىلا پرىزىدېنتقا يەنە بىر قارار ۋەزىپە ئۆتەش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە كولىن پاۋېل خەلقئارادا بىردەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، دۆلەت ئىچىدە جورج بۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئالقىشقا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئىراققا ھوجۇم قىلىش ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇنىڭ ئاق ساراي ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئىختىلابى بار ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايسنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىشى جورج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىش ئىھتىماللىقىنى ئازايتىدىكەن.

بۇش: رايىس تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

پىرىزىدېنت جورج بۇش كوندىلىزا رايسنى تەيىنلەش مۇراسىمىدا، رايىس خانىمنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان ھەل قىلغۇچ پەيتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

جورج بۇش، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسلات ئېلىپ بېرىش ۋە كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دوكتۇر كوندىلىزا رايس خانىم جورج بۇشنىڭ پىلانلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:

"تەكلىپ بويىچە سىزنىڭ يىتەكچىلىكىڭىزدىكى ھۆكۈمەتكە ۋە دۆلىتىمگە خىزمەت قىلىش مېنىڭ پەخرىم. قەدىرلىك دوستۇم كولىن پاۋېلنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمىغان ئىدىم. كولىن پاۋېل دۆلىتىمىز تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر دۆلەت خادىمىنىڭ بىرى."

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كوندىلىزا رايسنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىنىڭ ئىنتايىن ئوڭايغا چۈشىدىكەن.

كوندىلىزا رايس ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىشى مومكىن دىگەن مەسىلىگە قارىتا، ئامېرىكىدا قانۇن پەنلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دىدى:

كوندىلىزا رايسنىڭ شەخسىي تارىخى

كوندىلىزا رايس 1954 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شتاتىنىڭ بېرمىنھام شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ياشلىق دەۋىرلىرىدە ئۇتۇق قازانغان مۇزىكانت ۋە تەنھەركەتچى بولغان. ئۇ شۇنداقلا 26 يېشىدا ئامېرىكا خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 1981 - يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت پەنلىرى بويىچە پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ، شەرقىي ۋە غەربىي گىرمانىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ھەققىدە كىتابلارنى يازغان.

كوندىلىزا رايس 2000 - يىلى تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن جورج بۇشنىڭ سايلام ھەرىكىتىگە قاتناشقان. جورج بۇشنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى بىلەن، رايس جورج بۇشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى، ئۆتكەنكى تۆت يىل جەريانىدا، كولىن پاۋىل باشچىلىقىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بىر قىسىم سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، تالانتلىق رەھبەر كوندىلىزا رايس خانىمنىڭمۇ بۇندىن كىيىنكى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)