ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگو مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى

BELGIUM_US_RICE_BARROSO_200.jpg
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باراسسو بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. AFP

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئىراقنى ئىشغال قىلىش قارارىدىن كېيىن يىرىكلەشكەن ئامېرىكا - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى يۇمشاشقا باشلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، پەيشەنبە كۈنى برىيۇسىلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىدا، تەرەپلەرنىڭ سادام ھۈسەيىن دەۋرىدىن كېيىنكى ئىراق مەسىلىسى بويىچە "دوستانە" مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايىس برىيۇسىلدىكى يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، NATO دىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇيۇشقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .

خىتايغا قويۇلغان ئىمبارگو مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ھەل بولمىدى

رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن، خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى قانداق قىلىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلابى ھەل بولمىغان. ئامېرىكا، ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرقىي ئاسىيا ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 1989 - يىلى تيەن ئەنمىن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش قىلمىشىدىن كېيىن خىتايغا قورال - ياراق سېتىشنى چەكلىگەن.

رايىس، ئىمبارگونى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باغلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۇ يىل 1 - ئايدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسى بويىچە پرىنسىپ جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئىمبارگونىڭ 6 ئاي ئىچىدە بىكار قىلىنىش ئىھتىمالى بارلىقىنى جاكالىغان ئىدى. بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگونى بكار قىلىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ مەسىلىدە قايتا ئويلىشىشقا چاقىرغان. كوندىلىزا رايىس، ئالدىنقى كۈنى برىيۇسىلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، " كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەسىلىلەر، ئىمبارگونى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنىڭ كېرەكلىكىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ تەكىتلىدى.

رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تيەن ئەنمىن ۋەقەسىدە قولغان ئېلىنغان نامايىشچىلاردىن 2000 كىشى ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا تيەن ئەنمىن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قارار چىقارغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكىگە داۋاملىق ئىشىنىدۇ شۇنداقلا تيەن ئەنمىن ۋەقەسى ھازىرغىچە ھەل بولمدى 2000 مەھبۇس تېخىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ." رايىس، ئىمبارگونى بىكار قىلىش رايوندىكى ھەربىي تەڭپۇڭلىقنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " بىز ھەربىي تەڭپۇڭلۇق جەھەتتىكى ئەندىشىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. رايوندا ھازىرغىچە ئامېرىكا قوشۇنلىرى بار. ھەربىي تېخنىكىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ رايوندىكى نازۇك ھەربىي تەڭپۇڭلىققا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

ياۋروپا ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىنى ئاقلىدى

رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپالىقلار ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئاڭلىغان شۇنداقلا چۈشەنگەن. ئامما ياۋروپالىقلار ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىنى ئاقلىدى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى باراسسونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگو مەسىلىسىدە تېخى قارار چىقارمىغان. بىراق ئۇ، قارار چىقارغاندا ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلىكىنى چۈشىنىمىز. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە يەڭگىللىلىك قىلدى، دەپ تەنقىد قىلىنماسلىقى كېرەك."

باروسسو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا قورال - ياراقلار سۈپىتى ۋە سانىنىڭ كۆپىيىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق پىكىرغا ئىگىلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىختىلابنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رايىس: ئامېرىكا خىتاي مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن ئورتاق پىكىرگە ئىگە

خىتاي مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پىكىر ئىختىلابى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن رايىس، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " بىز خىتاي مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپىغا ئىگە ئەمەسمىز. خىتاي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىكى ئەركىنلەشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك."

رايىس " مانا بۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقات مەسىلىسى يالغۇز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى قىزىقتۇرىدىغانلا مەسىلە ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مەسىلىسى دىيىشىمىزدىكى سەۋەبتۇر،" دەپ كۆرسەتتى. كوندىلىزا رايىس، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن - قايدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. (ئەركىن)