
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جياۋشىڭ قاتارلىقلار بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. رايىسنىڭ يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئۇلار كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىق، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاي - ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
رايىس، خىتايلارنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىدى
كوندىلىزا رايىس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي رەھبەرلىرىنى تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى. كوندىلىزا رايىس، " دالاي لاما تىبەتنىڭ گۈللىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان يۇقىرى ئەخلاقىي ئىناۋەتكە ئىگە زات، ئۇ خىتايغا تەھدىت ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 3 يىلدا دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 30 - ئىيۇن ۋە 1 - ئىيۇللاردا شىۋىتسارىيىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، دالاي لامانىڭ ۋەكىلىگە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.
رايىس قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى بەلگىلەشنى رەت قىلدى
كوندىلىزا رايىس، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنىڭ كېلەچىگى ھەققىدە توختىلىپ، رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى. رايىس مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئافغانىستان خەلقى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇلار بۇنىڭغا ئېھتىياج."
ئامېرىكا ئافغانىستان بىلەن بىرگە قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا قوشۇن تۇرغۇزماقتا.
دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېف، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا داۋاملىق تۇرۇش زۆرۈرۈيىتى بار - يوقلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتى كەلدى، دەپ تەكىتلىگەن. يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى قىرغىزىستان دۆلەتلەر قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ
كوندىلىزا رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتىكەن. رايىس، " بىز خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز ھەربىي كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئامېرىكا ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ زامانۋېلىشىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ،" دەپ تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تەھدىت، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنى ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدۇ
كوندىلىزا رايىس تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، دەپ كۆرسەتتى. رايىسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي رەھبەرلىرىگە ئامېرىكىنىڭ "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" دىكى مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىپ، " ئامېرىكا ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ تەيۋەن بۇغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش يولىدا ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى تەيۋەندىكى دېموكراتىك ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
رايىس: ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە تاجاۋۇز قىلىش نىيىتى يوق
كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسى كوندىلىزا رايىسنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدۇ.
شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاش يولىدىكى 6 دۆلەت سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، دەپ تونۇيدىكەن. رايىس " بىزنىڭ شىمالىي كورىيىگە تاجاۋۇز قىلىش ياكى ھۇجۇم قىلىش نىيىتىمىز يوق. بىز 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرلىشىنى كۈتىمىز، چۈنكى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرۇسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.
رايىس بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرگە دائىر قىسىمى، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا ماللىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىگە چېتىلغان. خىتاي، كوندىلىزا رايىسنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئۇ، خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تايلاندنى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)