كوندالىزا رايىس كانادانى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00
CANADA-US-RICE-PETTIGREW-28.jpg
كوندالىزا رايىس خانىم كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Pierre Pettigrew بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە.AFP

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوندالىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى ئوتتاۋاغا يېتىپ كېلىپ، ئىككى كۈنلۈك كانادا زىيارىتىنى باشلىدى. رايىس خانىم كاناداغا ئاياق بېسىشتىن سەللا ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن كانادانىڭ خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

كوندالىزا رايىسنىڭ بۇ قېتىملىق كانادا سەپىرى ئۇنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، كانادا ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىغى ئۈچۈن رايىس خانىمنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا كانادانى زىيارەت قىلىش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىلا ساغلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ كانادا جامائىتى ، كوندالىزا رايىسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن بۇيان 38 دۆلەتنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە كانادانىڭ ئۇ زىيارەت قىلغان 39-دۆلەت بولغانلىغى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلماقتا.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.