كوندىلىزا رايىسنىڭ ئاسىيادىكى سەپىرى خىتايدا ئاخىرلىشىدۇ
2005.03.16

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى زىيارەت سەپىرىنىڭ 2 - بېكىتى پاكىستاننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىدىكى پرېزىدېنت مۇشەررەفنى ئۆز ئىچىگە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن تېرورىزىم، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش شۇنداقلا ف - 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. رايىس پاكىستانغا كېلىشنىڭ ئالدىدا يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ، يېڭى دېھلىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناتۋار سىڭ بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ يۇمشاۋاتقانلىقىنى قارشى ئالغان.
ئامېرىكا، ھىندىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن بىئارام
رايىس، ھىندىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئامېرىكىنى پەۋقۇللادە بىئارام قىلماقتا، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭچە بىزنىڭ ئىران ھەققىدىكى بىئاراملىقىمىزھازىرقى ۋاقىتتا تېخىمۇ چۈشۈنىشلىك بولدى. بىز ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىزنىڭ ھىندىستان ئىران ئوتتۇرىسىدىكى گاز تۇرۇبىسى ھەمكارلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدا ئالاقىلاشتۇق ،" دەپ تەكىتلىدى. ھىندىستان بىلەن ئىران بۇ يىل 2 - ئايدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىغا سوممىسى 4.5 مىليارد دوللارلىق گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئامېرىكا، ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئېرىشىش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھىندىستان، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشىكەن
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىڭ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا F – 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىپ بېرىش سودىسىدىن يېڭى دېھلىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئامېرىكا 1990 - يىللاردا ئىسلامئابادنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۈرۈش پىلانىغا قارشى پاكىستانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى قويغان ئىدى. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا پاكىستانغا قويغان ئىمبارگونى بىكار قىلدى.
رايىس، يېڭى دېھلىدا ھازىرچە بۇ مەسىلە بويىچە كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . رايىس مۇنداق دەيدۇ: " مەن پاكىستانغا بارغاندا پاكىستاننىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ئەندىشىلىرى شۇنداقلا مۇداپىئە ئىھتىياجلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتالايمەن." ئۇ، بۇ يەردە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر كېلىشىم ئىمزالانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېڭى دېھلىدا ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا ف - 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
رايىس: ياۋروپا خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشدە چوڭقۇر ئويلىشىشى كېرەك
بېيجىڭ، رايىسنىڭ ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە شۇنداقلا خىتاي قاتارلىق 6 دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. رايىسنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سەپىرى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىلەشكەن دەۋرىگە توغرا كەلدى. رايىسنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىلغاندىن كېيىنكى تەيۋەن ۋەزىيىتى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن.
رايىس، يېڭى دېھلىدا " خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملارغا تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قورال - ياراق سېتىش مەسىلىسىدە چوڭقۇر ئويلۇشىشىغا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىسى، دەپ قارىماقتا. ئامما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىرىلىنى ئورۇنسىز، دەپ تەنقىدلىدى.
ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئۇزۇن - مۇددەتلىك ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئويلاشماقتا
رايىسنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپى بوئىيىچە پاكىستاندىكى زىيارىتىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ئافغانىستان. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى كابۇلنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، كابۇلدا پرېزىدېنت ھامىد كارزاي بىلەن بىخەتەرلىك شۇنداقلا ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئۇزۇن - مۇددەتلىك ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئويلاشماقتىكەن.
رايىس، ئىسلامئابادتىكى زىيارىتى جەريانىدا پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز، پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسۇرىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن. پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق دۆلەت. رايىس، يېڭى دېھلىدا پاكىستان بىلەن ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىش ۋە يارىشىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى ماختىغان. ئۇ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى " سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئىلگىرلەۋاتقانلىقى كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز،" دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگو مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى
- پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقى كىمگە قارىتىلغان؟
- پاكىستان باش مىنىستىرى شاۋكەت ئەزىز خىتاينى زىيارەت قىلدى
- جورج بۇش كوندىلىزا رايسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى
- پاكىستاندا گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى قانلىق ئاخىرلاشتى
- گۆرۈدىكى خىتاي ئىنجېنىرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى كېچىكتۈرۈلدى