"رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
2005.09.27
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، "كاترىنا" دېڭىز چاپقۇنى مېكسىكا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئامېرىكىنىڭ لۇزىيانا شىتاتىدىكى نيۇئورلىن شەھرىنى ئېغىر زەخمىلەنگەندۈرگەن ئىدى. بۇ رايون 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى "رىتا" ناملىق يەنە بىر دېڭىز چاپقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ قېتىم "رىتا" چاپقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى. "رىتا" چاپقۇنى ھۇجۇم قىلىپ ئۆتكەن جايلاردا ھازىر يۇرتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. "رىتا"دىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كارۋان بولۇپ كۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلارمۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.
تەجرىبە - ساۋاقلار يەكۈنلەنگەن
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى "رىتا" ناملىق دېڭىز چاپقۇنى مېكسىكا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم "رىتا" چاپقۇنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن "كاترىنا" چاپقۇنىغا قارىغاندا كۆلىمى چوڭ )مەسىلەن: چاپقۇننىڭ قاپلاش دائىرىسى ئاركىنساس شىتاتىغىچە يەتكەن( بولۇپلا قالماي، بەلكى خاراپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ دەھشەتلىك دەپ ھېسابلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايلانمىسى ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، ئۇ مېكسىكا قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان ۋاقىت دەل ئۇنىڭ خاراپ قىلىش نوقتىسىدا ئۆزگىرىش بولغان، خاراپ قىلىش كۈچى سەل ئاجىزلىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ قېتىم چاپقۇندا بىۋاستە ئۆلگەن ئادەم يوق. چۈنكى ھەممە ئادەم چاپقۇندىن مۇداپىئەلەنگەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئالدىنقى قېتىمدا "كاترىنا" چاپقۇنى يۈز بەرگەندىكى تەجرىبە - ساۋاقلار ياخشى يەكۈنلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم "رىتا" چاپقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا نوقتىلىق ئۇچرىغان جاي تېكساس شىتاتىدىكى خيۇستون شەھىرى بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىدىن ئاھالىلارنى كۆچۈرۈش ياخشى يولغا قويۇلغان. ئەمما شىمالغا ماڭىدىغان يوللار كۆچمەن ئاپتوبىللىرى بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنلىكتىن، يول ئۈستىدە بەزى مەسىلىلەر يۈز بەرگەن. بۇ ئاساسەن تەييارلىق خىزمىتىدىكى كەمچىلىك. مەسىلەن، يول ئۈستىدە ئاپتوموبىللار تىقىلىپ قالغاندا، ئۇنى راۋانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولمىغان. شۇنداقلا، يول ئۈستىدە يېقىلغۇ تۈگەپ كەتكەندە، ئاپتوموبىللارلارغا تولۇقلاپ يېقىلغۇ قاچىلاش كاپالەتكە ئىگە بولمىغان. شەھەر باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھادىسە تىز قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پىلانلاش مەسىلىسى، بۇنىڭدىن كېيىن ساۋاق ئالىدىغان مەسىلە.
ئۆلگەن ئادەم كۆپ ئەمەس
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم "رىتا" چاپقۇنى مېكسىكا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جەمئى 7 ئادەم چىقىم بولغان. ئەمما تىز قۇتقۇزۇش تەييارلىقى ياخشى يولغا قويۇلغانلىقتىن، چىقىم بولغان ئادەمنىڭ ھېچقايسى بىۋاستە چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئادەم ئەمەس. تېكساس شىتاتىدا ئېلېكتىر توختاپ كەتكەندە گېنېراتور ئىشلەتكەن ئائىلىلەر كۆپ بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆلگەن 7 ئادەمنىڭ 5 ئى گېنېراتوردىن چىققان كاربون چالا ئوكسدتا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، 1 ئادەم چاپقۇندا يىقىتىلغان دەرەخ بېسىۋېلىپ ئۆلگەن، يەنە بىر ئادەم مىسسىسىپى شىتاتىدا يۈز بەرگەن باشقا بىر قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېكساس ۋە لۇزىيانا شىتاتلىرىدا چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلارنى ۋە بۇ رايوندىكى نېفىت شىركەتلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن. مېكسىكا قولتۇقىدا "رىتا" چاپقۇنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئاز دېگەندە 14 نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئىش توختاتقان ئىدى. "رىتا" چاپقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى "رىتا" چاپقۇنىدا ئاساسەن لۇزىيانا شىتاتىنىڭ دېڭىز بويىدىكى 10 نەچچە شەھەرچىسى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا دۇچ كېلىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى نېفىت ئەسلىھەلىرى چوڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ رايوندىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرى بىر نەچچە ھەپتىگىچە قايتىدىن ئىشقا چۈشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ئامېرىكا نېفىت يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. پرېزىدېنت بۇش ھازىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نېفتت زاپىسىدىن ئىشلىتىپ تۇرۇشنى قارار قىلغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغان "كاترىنا" چاپقۇنىدا لۇزىيانا شىتاتىدىكى نيۇئورلىن شەھىرىنىڭ ئىھاتە توغېنى زەخمىلەنگەنلىكتىن شەھەرنى 1 مېتىر چۇڭقۇرلۇقتا سۇ باسقان ئىدى. چاپقۇندىن كېيىن سۇ چىقىرىۋىتىلىپ، توغان رىمونت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى "رىتا" چاپقۇنى بۇ رايوندىن ئۆتكەندە توغان يەنە بۇزۇلغان. شەھەرنى قايتىدىن يەنە بىر قېتىم سۇ باسقان. شەھەر ئاھالىلىرى قايتىدىن روھى ئازاپ چەككەن. ئەمما نيۇئورلىن ئاھالىلىرى ئۆتكەنكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم "رىتا" چاپقۇنى كېلىشتىن بۇرۇن ھەممىسى شەھەردىن كۆچۈپ چىققانلىقتىن، بۇ قېتىمقى چاپقۇندا بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغان ئادەم يوق. بىراق ھازىر بۇ شەھەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى قايتىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا. باشقا جايلاردىن خالىسانە ياردەم كېلىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، دېڭىز بويلىرىدا چاپقۇندىن مۇداپىئەلىنىش پەسلى يەنە بىر نەچچە ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ
- كىشىلەر رىتا دېڭىز قۇيۇنىدىن قاچماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلققە 700 مىليون دوللار تارقاتتى
- دائىرىلەر يېڭى ئورلىياندا پۇقرالارنى مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرماقتا