ئالماتىدا شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل خاتىرىلەندى


2005.02.17
رىزۋانگۈل
ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدىكىسى رىزۋانگۈل. Chongaytip körüng

15-فېۋرال كۈنى، ئالماتادىكى قازاقىستان خەلقلىرى ئانسامبىلى زالىدا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شەپقەت ھەمشىرىسى قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى.

رىزۋانگۈل1926-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چىلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىككى يىللىق بولغالتىرلارنى تەربىيىلەش بۇرۇسىدا ئوقۇغان. 1944-يىلى يازدا ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەتكە قاتناشقان.

مىللىي ئىنقىلاب باشلانغاندىن كېيىن، 18-ياشلىق رىزۋانگۈل ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، 1945-يىلى 13-يانۋار كۈنى ئۇرۇشتا يارىلانغان جەڭچىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا دۈشمەننىڭ ئوقى بىلەن يارىلىنىپ قۇربان بولغان ۋە "شەپقەت ھەمشىرىسى" شەرىپىگە ئېرىشكەن.

يىغىلىشتا سۆز قىلغان مېھرىبان ۋاھىتىۋا، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىلىك ئورگان گېزىتى "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" گېزىتىنىڭ 1945-يىلى 20-يانۋاردىكى سانىدا، قاسىمجان قەمبىرىنىڭ "ئىناق" تەخەللۇسى بىلەن يازغان "ھەمشىرەم" ناملىق شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلدى.

ھەمشىرەم

ئىناق

ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلانغان، ئوق، پىلىموت، بومبىلاردىن ساقلانغان، ۋەتىنىنى دۈشمەنلەردىن ساقلىغان، دائىم مېنىڭ مېھرىبانىم ھەمشىرەم.

ھەي رىزۋانگۈل قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭ، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك جامالىڭ، تارىخىدا ئۇنتۇلمايدۇ ئەۋلاتنىڭ، قەھرىمانە كۈرەشچان قىز ھەمشىرەم.

ھەي كۆزلىرىم پەرياد قىلىپ يىغلىغىن، دۇشمەنلەردىن دوستلىرىڭنى ئىزغىغىن، دۈشمەن ئۆلۈپ دوست قالسۇن دەپ تىلىگىن، دوستلار ئۈچۈن مەن يىغلايمەن ھەمشىرەم.

سەبىر تىلەپ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭغا، تارىخ ئۈچۈن يازاي ساڭغا مەرسىيە، تارىخىڭنى ھەر ۋاراقلاپ ئۆتكەندە، سەن كېلەرسەن كۆز ئالدىمغا ھەمشىرەم.

("ئازاد شەرقىي تۈركىستان" گېزىتى 1945-يىلى 20-يانۋار سانى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.