رابىيە قادىرنىڭ قىزى روشەنگۈل نەزەربەندتىن قۇتۇلدى


2006.11.14
rushengul-150.jpg
رابىيە قادىرنىڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم 5- ئاينىڭ 29‏- كۈنى يەنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئىككى قېرىندىشى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم بىلەن بىرلىكتە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن . خىتاي دائىرىلىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى قولغا ئېلىپ روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى ئۆيىدە نەزەربەند قىلغاندىن كېيىن 6‏-ئاينىڭ 13‏- كۈنى رابىيە خانىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېھىمنىمۇ ئاقسۇدا تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇتۇشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارىتىنى بىكار قىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 72 ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، ئۇنى رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ۋە رابىيە خانىمىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۈستىدىكى بېسىمنى بىكار قىلىشىقا چاقىرغان ئىدى.

شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە خانىمدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزى روشەنگۈل ئابدۇرېھىم ئۈستىدىكى نازارەتنى بىكار قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادئىئومىز مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قىزى روشەنگۈلنىڭ ئەركىنكلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى، روشەنگۈل نەزەربەند ئاستىدا كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.