تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيىتنى خوشال-خورام ئۆتكۈزمەكتە

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 3-كۈنى پۈتۈن ئىسلام ئالىمىنىڭ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇبارەك روزى ھېيت كۈنى. بۈ ھېيت كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر كۈندە روزى نامىزى قىلىپ بىرلا كۈندە روزى ھېيتنى ئۆتكۈزمەكتە.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مۇبارەك روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ ئەگەر بىلىشنى خالىسىڭىز تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ.