تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتنى خوشال-خورام ئۆتكۈزمەكتە

0:00 / 0:00

ئىسلام ئالىمىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى بولغان روزى ھېيىت 10 - ئاينىڭ 23 -كۈنى باشلىنىپ كەتتى. بۇ ھېيىت دۇنيادا بولغانغا ئوخشاش تۈركىيىدىمۇ قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرگە ئوخشاشلا ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، چوڭلىرىنى يوقلىماقتا. ھېيىت خۇشاللىقىغا چۆمگەن بالىلار يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ خوشال - خورام ئوينىماقتا. ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.

بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.