ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !


2007.10.12

Heytgah-Namaz-150.jpg
ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقانلار. AFP Photo

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئايەم ئەھلى ،ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەر، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان، ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا روزا ھېيتلىق ئوتلۇق سالام يوللايمىز ، بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولغاي.

دۇنيانىڭ يەتتە قىتئەسىدىن ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن مۇسۇلمانلار ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىلدا بىر ئادا قىلىدىغان ئوتتۇز كۈنلۈك ئۇلۇغ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى ، روزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، بۈگۈن مانا12 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ ، قىزغىن ھالدا روزا ھېيتلىق بايرام قاينىمىغا چۆمدى . يا ئېرىق ، يا مىللەت ئايرىلمايدىغان بۇ مۇبارەك بايرام شادلىقىدىن ئەلۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەڭ بەھرىمان بولماقتا.

بىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەڭ خاسىيەتلىك ئۇلۇغ ھەم چوڭ دىنىي بايرام ھېسابلانغان ئۇشبۇ روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھەم ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا شۇنداقلا يۇرت ھەم ئەلدىن يىراق چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئامالسىز ئائىلىسى بىلەن ئورتاق ھېيت ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سالام يوللايمىز. ئاللاھ ئىبادەتلىرىڭلار، دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلغاي ، ئۇلۇغ روزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھىدايەت ئاتا قىلغاي.

ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋاقىت پەرقىگە قاراپ ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئەللەردە روزا ھېيت بىر كۈن ئىلگىرى ‏- ئاخىرى پەرقلىنىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا بولسا شەنبە كۈنى يەنى13 - ئۆكتەبىر كۈنى روزا ھېيت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئەللەردە يەنىلا جۈمە كۈنى روزا ھېيتلىق بايرام تەنتەنىسى باشلىنىپ كەتتى.

مۇشۇ خوشاللىق ھەم خاسىيەتلىك مىنۇتلاردا ئۆز ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلى ، ئۇيغۇر خەلقى ھەم پەرزەنتلىرىنى چوڭقۇر سېغىنغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئانا ، ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادە قىلدى.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ھېسابلىنىدۇ، ھېيتگاھ مەسچىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ جامەنىڭ بىرى شۇنداقلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ھېيت ‏- بايراملار ئەڭ قىزىيدىغان بىر مەركىزى ئورۇن. روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ھېيتگاھ جامەسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ روزا ھېيتنى قاچان ، قانداق كۈتىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

گەرچە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ۋاقىت پەرقى ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ھېيت ‏- بايراملىرىدا يەنىلا ۋاقىت پەرقى مەۋجۇت. ئالماتا شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتلەردىن ئىتتىپاق مەسچىتى ئىمامى ئابدۇخەبىر ئىمام ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ 12 - ئۆكتەبىر روزا ھېيتنى كۈتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇلۇغ دىنىي بايرام روزا ھېيتنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇرلار تۈرلۈك دىنىي ھەم مىللىي بايراملىرىنى ئاجايىپ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەم مەدەنىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئۇيغۇرلار ئىسلامىي بايراملىرىنىمۇ ، دىنىي مۇراسىملاردىن باشقا بايراملىرىنىمۇ ، ئالاھىدە مول داستىخان ھازىرلاپ ، گۈزەل كىيىم ‏- كېچەكلەرنى كىيىپ ، ساما، ناغرا سۇناي دېگەنگە ئوخشاش نەغمە ناۋا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ شۇنداقلا ھېيت ‏- بايرام كۈنلىرىنى خوشاللىق بايرام سۈپىتىدە ئالاھىدە قىزغىن كەيپىياتتا كۈتۈۋالىدۇ. ئۇيغۇر تارىخشۇناس ، فولىكلورشۇناس ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىگە، ھېيتلىق سالام يوللاش بىلەن تەڭ ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيتنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە سۇئاللار سورىدۇق.

ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداشلار ،پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ھەممىڭلارغا بايرام ئورتاق بولغاي ،شاتلىق ئورتاق بولغاي . خاتىرجەملىك يار بولغاي. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.